تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

لەۋزىدە تۇرمىغان بۇ كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنمايدۇ

  يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان بىر قانچە سۇبيېكتلارغا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى تەسلىشىدىغان بولدى.

  ئەگەر سىز ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەردە لەۋزىڭىزدە تۇرمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنىشىڭىز چەكلىنىدۇ.

  «ئۆيلىنىشكە تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارغا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» گە ئاساسەن، ئۆيلىنىشكە تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلار 14 تۈرلۈك بىرلىكتە جازالاش تەدبىرىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇ، ئۆيلىنىشكە تىزىملاتقان لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقى، كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىشتا قايسى قىلمىشلار لەۋزىدە ئېغىر تۇرماسلىققا تەۋە؟ بىرىنچى، ساختا، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ياكى باشقىلارنىڭ كىملىك، نوپۇسىنى ئىشلىتىپ، جورىسى يوقلۇقى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى ۋە باشقا كېنىشكىلارنى ئىشلەتكەنلەر؛ ئىككىنچى، جورىسى يوق، بىۋاستە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق، ئۈچ ئەۋلادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىرەم قانداش تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى يوق قاتارلىقلارغا ئوخشاش ساختا بايانات بەرگەنلەر؛ ئۈچىنچى، قارشى تەرەپنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئەھۋاللارنى قەستەن يوشۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغانلار؛ تۆتىنچى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆيلىنىش قانۇنى» ۋە «ئۆيلىنىشكە تىزىملاش نىزامى» غا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلار.

  «ئائىلە مۇلازىمىتى ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان مەسئۇلىيەت سۇبيېكىتلىرىنى بىرلىكتە جازالاش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئاساسەن، لەۋزىدە تۇرمىغان ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ھەمدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنى ۋەكىللىرى، ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىدا بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان كەسىپكارلار 28 تۈرلۈك بىرلەشمە جازالاش تەدبىرىگە دۇچ كېلىدۇ، جازالاش ئوبيېكىتلىرىنى دۆلەت مەمۇرلىقى ياكى كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش) چەكلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «جامائەت بايلىقى سودىسى ساھەسىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان سۇبيېكىتلارنى بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمە» شۇنداقلا «قانۇن بويىچە دۆلەت مەمۇرلىقى ياكى كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش)نى چەكلەش» بىرلىكتە جازالاش تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى