تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

جورىڭىزغا «كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دېمەڭ

  تۇرمۇشتا ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى ياخشى ئىش، ئەمما ھەممىلا ئىشتا جورىسىنىڭ ئۆز رايىغا بېقىشىنى تەلەپ قىلىش ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆيلىنىشتە ئاياللار ئېرىگە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىشى، ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېرىشكۈسى بارلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ساغلام بولغان ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا «كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دېيىش توغرا ئەمەس.

  ئەمەلىيەتتە ئاياللار تۇرمۇشتا ئېرىنىڭ ئۆز «كۆڭلىدىكىنى تېپىش» ىنى، ئۆزىنىڭ بارلىق قاراشلىرىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  نۇرغۇن ئايال ھەمىشە : «ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭ كۆڭلى تۇيىدۇ» دەيدىغان گەپ بارغۇ؟ مېنى سۆيگەنىكەن، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىشى، مېنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلالىشى، ئېرىشكۈم بار نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.

  مۇھەببەت ھېكايىلىرىدە كىشى قەلبىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئەرلەرنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى «خاسىيەتلىك ئادەم» گە ئوخشاش ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ھەر قانداق قىيىن ئىش بولسىمۇ دەرھال ھەل قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇش ئۇنداق بولمايدۇ.

  تۇرمۇشتا ئايال كىشى جورىسىغا ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئېنىق ئېيتىشتىن ئۇيۇلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەركىلەش، بىشارەت بېرىش ھەتتا ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەلىپىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا مەسىلە چوڭ ئەمەس. ئەمما چۈشىنىش ئىقتىدارى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ئەرلەر ئۇلارنىڭ بىشارەتلىرىنى چۈشەنمىسە ئاياللار قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ ھەتتا قاتتىق ئازاپلىنىدۇ، ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلمىسا ئايال كىشىنىڭ ئەردىن كۆڭلى قېلىشىمۇ مۇمكىن، ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۇقۇشماسلىقلار يىغىلىپ، ئەر-خوتۇننىڭ قەلبى بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. تۇرمۇش كىنودىكىدەك سېھىرلىك بولمايدۇ، بىزمۇ ئۇنداق دۇنيانى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىشلارغا يولۇقۇپ كەتمەيمىز. تۇرمۇشىمىز سانسىزلىغان كىچىك ئىشلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشتا بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولغان ياخشى، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ ھەممىلا ئىشتا ئۆز رايىغا بېقىشىنى، كۆڭلىدىكىنى تېپىشىنى تەلەپ قىلىش ئانچە بەك ئاقىلانىلىك ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى