4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي مۇنار (سولدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسىي مۇنار قۇرۇلۇشى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، جەنۇبىي ئاساسىي مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 271.5 مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغان دۇنيا A تىپلىق ئاساسىي مۇنارنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، بۇ تۈردىكى رېكورتنى يېڭىلىدى. ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى ۋۇخەن شەھىرىدىكى 11-چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكتە 2019-يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىدۇ.