قانداق شەھەر ساغلام شەھەر بولىدۇ؟ ئېلىمىز ھەر يىلى ئۈچىنچى تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق پاكىز شەھەرلەرنىڭ «تومۇرىنى تۇتۇپ»، ساغلام شەھەر كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەت سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە ساغلام شەھەرلەرنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى (2018-يىللىق نۇسخا)» ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
2018-يىللىق كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىدا «چوڭ سەھىيە، چوڭ ساغلاملىق» ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەڭ مۇۋاپىق كۆرسەتكۈچلەر بىلەن ساغلام شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالى يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچتىن بەشى، 2-دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچتىن 20سى، 3-دەرىجىلىك كۆرسەتكۈچتىن 42 سى بار.
كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىدا ساغلاملىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر بەكرەك كۆپ بولدى. ئالايلۇق، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى» نىڭ ئورنىنى «ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئۆلچەشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى» ئالدى، «ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يۈز مىليون يۈەنلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى» نىڭ ئورنىنى «كەسپىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاپلاش نىسبىتى» ئالدى، «ھەر ئون مىڭ نوپۇس ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇر سانى» قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر يېڭىدىن قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى مەزگىلدىكى ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئاساسەن كۆرسەتكۈچلەر تەڭشەلدى. مەسىلەن: ھازىر ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، «ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش دائىرسى» كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىنىپ، ئۆزگىرىش دائىرىسىگە ئاساسەن شەھەرنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئۆلچىنىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا ئېغىر ياكى قاتتىق ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى، ئاممىۋىي ھاجەتخانا تەسىس قىلىش زىچلىقى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆكەرتىلگەن باغچا كۆلىمى شۇنداقلا كېسەللىك ۋاستىچىسى جانلىقلىرىنىڭ زىچلىقىنى كونترول قىلىش سەۋىيەسى قاتارلىقلارمۇ بىر شەھەرنىڭ ساغلام شەھەر ئۆلچىمىگە يېتىدىغان-يەتمەيدىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەمگە ئايلاندى.