تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى. يېقىنىقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگەن نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە كۈنەس ناھىيە نارات بازىرىنىڭ ئارشاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنت « ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاممىنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئارشاڭ كەنتى  چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ. خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن، ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن مۇتەخەسسىسىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئېرلان جۇمابېك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: زامانىۋى چارۋىچىلىقنى باشقۇرۇش ئىلىمىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق ئىشلىرىمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىمەن.

  بۇ كەنتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە 24 ياشلىق زىردى ئېركىن ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرەر ئىش تېپىپ ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىش ئارزۇسى بار ئىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مۇختەر باقىتوف ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى چىڭ دېمىڭ ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەتتى ھەمدە ئۇنى كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ماھارەت تەربىيەسى كۇرسىغا قاتنىشىشىقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ يىل 28ياشقا كىرگەن جارقىن ھاكىمبېك ئىلگىرى پادا بېقىپ، يىلىغا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتى. بۇ پۇل ئائىلىسىنىڭ خىراجىتىگە ئاران يېتەتتى. ئۇ تۇنجى تۈركۈمدە ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان دوستلىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشسا ئايلىق مائاشىنىڭ 3000يۈەندىن ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى، ياتاق، تاماقنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى، يېقىندا ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلدى.

  ئىلگىرى ئارشاڭ كەنتدىكىلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىدىيەسى ئاددىي، تەرەققىيات زاپاس كۈچى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ھەميىنىنى تومپايتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى قىلدى. كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ «خەيپەي» پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن خادىم ئىشلىتىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بۇلتۇر 12-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە 200 ئەمگەكچىنى ئىچكىرى ئۆلكىگە يۆتكەپ، مۇقىم ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى. ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ ئىشلەش بۇ كەنتتىكلەرنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. بۇ خىزمەت ئەترىتى يەنە ناھىيە، بازار، كەنت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 2-تۈركۈمدە 105 ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىچكىرى ئۆلكىگە يولغا سېلىپ، جياڭشى نەنچاڭ كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  دېھقان- چارۋىچىلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت « ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر ئىشلەمچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى ھەمدە مۇنەۋۋەر ئىشلەمچىلەر ئائىلىسىدىن ئوننى مۇكاپاتلىدى.

  يېقىندا، بۇ خىزمەت ئەترىتى يەنە بىر تۈركۈم ئاممىنى نارات بازىرى تايئاسۇ كەنتىدە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل باقمىچىلىققا ئائىت تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ توپلاپ، توڭ ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمە كۆچۈرۈش قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، چارۋامال نەسلىنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئارشاڭ كەنتىنىڭ چارۋىچىلىقنى يەنىمۇ زورايتىشىغا پۇختا ئاساس سالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى