تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

مۇكاپاتلاش ھەددىدىن ئارتۇق بولۇش، جازالاش كەمچىل بولۇش

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆيدە بالىنى ئىنتايىن ئاز تەنقىدلەپلا قالماي، مەكتەپتە تەنقىدلىنىشكىمۇ ھەرگىز يول قويمايدىكەن. بالا ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر ئەينىكى، مەسىلە بالىدا كۆرۈلگەن بىلەن، «كېسەلنىڭ يىلتىزى» بەلكىم ئاتا-ئانىلاردا بولۇشى مۇمكىن، بالا خاتالىق سادىر قىلغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىغا: «ياق، بولمايدۇ» دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسى بولمايدىكەن، مۇكەممەل تەربىيەنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەگەر بالا توسالغۇغا ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتا، توسالغۇنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىسە، ئىنتايىن ئاجىز ۋە چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بەزىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن سەۋەبسىز ئۇرۇشسا، بالا باش-باشتاق، جاھىل، باشقىلارنى ئەپۇ قىلمايدىغان، كۆيۈمسىز، چۈشىنىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تۇرمۇشتىكى مەنئى قىلىنغان رايونلارنى بىلدۈرۈشى، خاتالىق ئۆتكۈزسە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا بەزى قائىدىلەردە تەۋرىنىشكە بولمايدىغانلىقى، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەرنى چوقۇم ئۆز ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

«ئاتا-ئانىلار قوللانمىسى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى