تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر 6-ئايدىن ئىلگىرى نارات سەيلىگاھىنىڭ يېرىم باھالىق ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر 6-ئايدىن ئىلگىرى نارات مەنزىرە رايونىنى يېرىم باھالىق ئېتىبار بىلەن ساياھەت قىلالايدۇ، كىرىش بېلىتى ۋە ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 147.5 يۈەننى تېجەپ قالالايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى نارات مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا ئومۇمەن شىنجاڭ كىملىكىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى نارات مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلسە، كىرىش بېلىتى ۋە مەنزىرە رايون ئارىلىقىدىكى ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا يېرىم باھا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى 95 يۈەن، مەنزىرە رايون ئارىلىقىدىكى يۈرۈشلۈك ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنىڭ باھاسى 200 يۈەن بولۇپ، جەمئىي 295 يۈەن بولىدىكەن. ئېتىبار بېرىش مەزگىلىدە، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر كىملىكى ئارقىلىق 147.5 يۈەننى تېجەپ قالالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى