تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن

  جېمىنەي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭئالان قالىيبېك

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مەن بىزگە بەختلىك تۇرمۇش، ئىناق جەمئىيەت يارىتىپ بەرگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغدايمەن.

  مەن پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، بازىنى ياخشى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ھەرگىز پۇرسەت بەرمەي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا خاتا پىكىر ئېقىمى ۋە خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمەن. پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى