تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ۋالىي – نازىر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىنى ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش›› بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  كۇرسقا شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ۋالىي – نازىر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىنى ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش›› بويىچە مەركەزلەشتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىدا مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر كۇرسقا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي كۇرسقا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ھالقىلىق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلتاي. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى، بۇ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ ئورتاق تاللىشى، تەنتەنىلىك تاللىشى، مۇقەررەر تاللىشى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنى پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدۇ، خەلق ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇ پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ قوماندانى، خەلقنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ رولچىسى، خەلقنىڭ يول باشچىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى نەتىجە ۋە مۇھىم تارىخىي تۆھپە شۇكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ تۇرغۇزۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئىگە قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مول مەزمۇنىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى، ئىدىيە كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچىگە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ روھنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىگە، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور سىياسىي ھۆكۈمنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىگە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايە قىلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىكەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قايتا – قايتا، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي تەتبىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىمى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، يادرونى تونۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تۇتاش بولۇش، زىچ باغلانغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرىدىغان ئۆگىنىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىناق، مۇقىم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلار ئىناقلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماس ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغداش، ياخشى مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر كۇرسقا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا ئىدىيەگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كۇرسانتلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش تەلىپى بويىچە، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەقىدە، سىياسىي، مەسئۇلىيەت، ئىقتىدار، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتە، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، كونكرېت خىزمەتتىكى ئۈنۈمى جەھەتتە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.