تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

دىققەتنى باشتىن–ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن

  ئالتاي ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماقسۇر ئەلىپ

  پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 –، 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىرادەمنى چىڭىتىپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان لاياقەتلىك پارتىيەلىك كادىر بولىمەن. كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى بويىچە ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈگىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن. ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ئاشۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مەسىلىلەرنى بوشاشماي تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، دەرسلەرنى تولۇقلاپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن. شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، ھازىردىن، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن. ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان قىلىپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتىنى ۋە قانۇن – نىزاملارنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  ئىنتىزامچان بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغۇچىلاردىن بولىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى قەتئىي مەسئۇلىيىتىم دەپ بىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىمەن. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان ئەمەلىي بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھى ئارقىلىق، مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى