تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

  جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كارخانا خىزمەتچىسى رەيھان سىدىق

  مەن جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى چۈەنگۇ كەنتىدە تۇغۇلغان، كېيىن لاۋتەي يېزىسىنىڭ لوساۋزۈيزى كەنتىگە كۆچۈپ باردىم، 2007 – يىلى كەنتنىڭ ئاياللار تەشۋىقاتچىسى بولۇپ سايلاندىم، 2017 – يىلى كارخانىغا كىرىپ ئىشلىدىم. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە مەن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدىم ھەم پارتىيەگە كىردىم. مەن ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىمەن، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشنى سۆيىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارغا جەزمەن قەتئىي زەربە بېرىشىمىز، ئۇلارنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىشىمىز كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم، مەن ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەيمەن ھەم ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيمەن! ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىگە لەنەت ئوقۇپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرىمەن. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىككە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن. ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشقا يېتەكلەيمەن. دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن.

  مەن باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان، كاللىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتىدىغان، مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ھەر ۋاقىت ساقلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان ياخشى خىزمەتچى بولۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى