تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستىدىكى نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى

  ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى ۋە سانجى شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى 270 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان «بەيياڭخې» سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش تۈرىدە 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلانغان بولۇپ، ئىشچىلار ھازىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا سېمونت قۇيۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى بويۈشىننىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى يىل ئاخىرىغىچە پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ سۇ ئامبىرى پۈتكەندىن كېيىن، يېزا-ئىگىلىك ئىشلىرىغا يىللىغى 39 مىليون كۇب مېتىر، سانائەت ئىشلىرىغا يىللىغى 16 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جىمىسار ناھىيەسىدىكى «شىياۋ لۇڭكوۋ» سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش تۈرىدىمۇ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە جەمئىي 145 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغانىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، تۆۋەن ئېقىندىكى يېزا-ئىگىلىك سۇغىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆكەرتىش ۋە ئېكولوگىيىلىك سۇ قويۇپ بېرىش ئىشلىرىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سانجى ئوبلاستى بۇ يىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 96 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە پىلانلىغان يېڭىدىن ۋە داۋاملىق قۇرۇۋاتقان تاغلىق رايونلاردىكى تىزگىنلەش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق 42 تۈرلۈك سۇ ئىنشائاتىغا 882 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر 15 تۈرلۈك سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلانغان. 27 تۈرلۈك يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ 19 تۈرىدە خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئىش باشلاش مۆلچەرلەنگەنىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى