تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە مېخانىزمى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

   ‹‹ئىلگىرى دەۋاغا چۈشسەم بىر مۇنچە ۋاقتىم ۋە كۈچۈم سەرپ بولاتتى، دوستلۇقىمىزغىمۇ دەز كېتىشتىن ئەنسىرەيتتىم، بۈگۈن ئويلىمىغان يەردىن سوتچى يېرىم سائەتتىلا مەن ئەندىشە قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىۋەتتى، كۆڭلۈم بىردىنلا يورۇپ كەتتى...››. 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەخانىسىدا دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ماجىراسىنى ھەل قىلغان دەۋاگەر چاۋ خۇ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

   دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسەنىڭ ئىككى خىل ھالىتى بولىدۇ: بىرىدە، سوت قىلىش خاراكتېرى بولمايدۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى تەسىس قىلغان خەلق مۇرەسسە ئىشخانىسى كېلىشتۈرىدۇ؛ يەنە بىرى، سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىدىكى سوتچىلار كېلىشتۈرىدۇ، ياكى سوتچى بىلەن خەلق زاسېداتېلى، خەلق مۇرەسسەچىسى ئورتاق كېلىشتۈرىدۇ.

   2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىللىگەن ‹‹بۈگۈن مەن دىجورنى›› سىناق زىيارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بۇ مەھكىمىنىڭ دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە خىزمىتىدىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، شۇنداقلا بۇ مەھكىمىنىڭ قانداق قىلىپ كۆپ مەنبەلىك كېلىشتۈرۈش – مۇرەسسە مېخانىزمى ئارقىلىق زىددىيەت  ماجىرالارنى ھەل قىلغانلىقىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.

   ئەتراپلىق مۇلازىمەت ئاممىنىڭ يولىنى قىسقارتتى

   ‹‹سىز قايسى جەھەتتىكى كەسىپنى بېجىرمەكچى؟ قانداق ھاجىتىڭىز بولسا، دەۋاغا يول كۆرسىتىش كۆزنىكىگە بېرىپ تەپسىلىي مەسلىھەت سوراڭ››. 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، ئامما دېلو تۇرغۇزۇش زالىغا كىرىشى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى شى شۈييىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.

    ئەرزنامىدىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرماپسىز، بۇ يەردە يەنە بىر قىسىم دەۋا ماتېرىياللىرى كەم تۇرىدۇ. ياندىكى ئۈستەلدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئەرزنامىنىڭ يېزىلىش قېلىپى بار، ئۇدۇلدا يەنە نۇسخىلاش سۇپىسىمۇ بار، كەم قالغان ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ بېسىۋالسىڭىز بولىدۇ،  دېدى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى لى فىڭ 4 – نومۇرلۇق ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرى دېلو تۇرغۇزۇش كۆزنىكىدە شەھەر ئاھالىسى چېن يۈفىڭنىڭ ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن.

   73 ياشلىق جۇۋ ۋېنخۇي پېنسىيەگە چىققان ئىشچى بولۇپ، ياش ۋاقتىدا دائىم پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا خوتۇنى بىلەن جېدەللەشكەچكە، پەرزەنتلىرى ئۇنىڭدىن بىزار ئىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پەرزەنتلەر بىلەن بوۋاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ھەمراھى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بوۋاي يالغۇز قالدى، سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى بولمىدى. بوۋاي ئامالسىز سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ مەسلىھەت سورىدى. دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىدىكى سوتچىلار ھاسىسىغا تايىنىپ قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ كېلىۋاتقان جۇۋ ۋېنخۇينى دەرھال ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ دەردىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئاخىرىدا، سوتچى تېلېفون ئارقىلىق بوۋاي بىلەن پەرزەنتلىرىنى كېلىشتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

   شۇ كۈنى چۈشكە قەدەر، دېلو تۇرغۇزۇش كۆزنىكى 42 ئادەمنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 28 كىشى ئوڭۇشلۇق دېلو تۇرغۇزدى، قالغىنى دەۋا ئوبيېكتى مۇۋاپىق بولمىغانلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن دېلو تۇرغۇزالماي، سوتچىلارنىڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، كۆزنەكتىن ئايرىلدى.

   مۇخبىر دېلو تۇرغۇزۇش زالىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىپ، ئاممىنى دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى، مەشغۇلات تەرتىپى، دەۋا خەۋپ – خەتىرى قاتارلىق ئۇقتۇرۇپ قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، يەنە خەلققە قولايلىق ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، ھۆكۈم، كېسىمنامىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى، سوت ئېچىش ئېلانى تاختىسى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش دوسكىسى، نۇسخىلاش سۇپىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ئاممىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆردى، دېلو تۇرغۇزۇش زالىغا كىرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندى.

   لى فىڭ مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ دەۋاغا قاتراش يولىنى قىسقارتىمىز، ئىمكانقەدەر بىر قېتىمدىلا ئىشنى تۈگىتىشكە تىرىشىمىز. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا مەنبەسىنىمۇ تېجەپ، دېلو تۇرغۇزۇش، سوت ئېچىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

   زىددىيەت – ماجىرالارنى ‹‹سوراقخانا››غا يۈزلىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلدى

   چاۋ خۇ بىلەن ياۋ شىنمىن، جۇۋ زىشياڭ ئۈچەيلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى، ئۇلار شېرىكلىشىپ نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى قىلاتتى. ئۇلار بىر نىمكەش ئاپتوموبىلنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن پايدىنى بۆلۈشۈشتە كېلىشەلمەي جېدەللىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن چاۋ خۇ بىلەن ياۋ شىنمىن جۇۋ زىشياڭنىڭ نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىش قىلمىشى ئۈستىدىن يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىگە ئەرز قىلىپ، قانۇن ئارقىلىق مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولدى.

   دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن دەۋادىن بۇرۇنقى مۇرەسسە مەركىزىنىڭ سوتچىسى چېن يەنشى مەزكۇر دېلودىكى تالاش – تارتىش سوممىسىنىڭ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق ئىكەنلىكىنى، دېلو مەزمۇنىنىڭ ئاددىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەۋادىن بۇرۇنقى كېلىشتۈرۈشنى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.

   كېلىشتۈرۈش جەريانىدا، ئۈچەيلەن يەنىلا پايدىنى بۆلۈشۈشتە بىرلىككە كېلەلمىدى، ‹‹شىنجاڭلىقلار خۇشخۇيلۇقى، مەردلىكى بىلەن داڭلىق، سىلەر بۇنداق قىلساڭلار كېيىن يەنە قانداق شېرىكلىشەلەيسىلەر؟›› دېدى چېن يەنشى بىر تەرەپتىن، ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈچەيلەننىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزەتكەچ. ئۇلار خىجىل بولۇشۇپ، ئۈندىمىدى.

   مەن سىلەرگە بىر تەكلىپ بېرەي، پايدىنى ئۈچىڭلار تەڭ بۆلۈشۈڭلار، كۆپ ئالغىنىڭلار خۇش بولۇپ كەتمەي، قالغانلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭلار، ئاز ئالغىنىڭلار خاپا بولماي، ئاغىنەمنى مېھمان قىلدىم، دەپ ئويلاڭلار، كېيىن پۇل تاپقىچە بار مەسلىھەت ئىش كۆرۈڭلار، قانداق قارايسىلەر؟  چېن يەنشىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەن بىر نەچچە مىنۇت ئويلىنىۋېلىپ، ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئۈچەيلەن مۇرەسسەخانىدىن چىققۇچە ئۆزلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىنى سوتچىنىڭ يېرىم سائەتتىلا ھەل قىلىۋەتكەنلىكىگە قايىل بولۇشۇپ، كۈلۈپ قويۇشتى.

   زىيارەت جەريانىدا لى فىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چېن يەنشى ھەر كۈنى ئىشقا چۈشۈش بىلەن تەڭ پىرقىرىغۇچقا ئوخشاش بىر نەچچە مۇرەسسەخانا ئارىسىدا چۆرگىلەپ يۈرىدۇ. شىنجاڭ رايونى ئىچىدىكى دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2017 – يىلى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىمىزنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە مەركىزىنى تەسىس قىلدى ھەم سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە ماھىرى  نوپۇزلۇق سوتچى چېن يەنشىنىڭ نامى بىلەن ‹‹چېن يەنشى دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە ئىشخانىسى››نى قۇردى، ھازىر چېن يەنشى بېجىرگەن دېلونى مۇرەسسە قىلىش نىسبىتى %98كە يەتتى.

   بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنىگە قەدەر، بۇ مەھكىمىنىڭ دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە مەركىزى 1553 دېلونى قوبۇل قىلغان، 1097 دېلونى ئاياغلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە 196 دېلونى ئوڭۇشلۇق مۇرەسسە قىلغان، 121 دېلونى قايتۇرغان، دېلونى قايتۇرۇش نىسبىتى ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلونىڭ %28.98نى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ كۆپ زىددىيەت – ماجىرانى تەرەپلەر ‹‹سوراقخانا››غا يۈزلىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلغان.

   كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە  ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

   ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى تۈرلۈك دېلولاردىن 24 مىڭ 338نى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 5000دىن كۆپرەك دېلودا دەۋادىن ئىلگىرى مۇرەسسە قىلىپ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىش ئەمەلگە ئاشتى.

   چېن يەنشى مۇنداق دېدى: دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ تەلىپىنى ھەل قىلىدىغان ياخشى ئۇسۇل، بۇ ئۇسۇلدا مۇرەككەپ سوت قىلىش تەرتىپى بولمىغاچقا، زىددىيەتنى بىرىنچى سەپتە ھەل قىلىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقىت ۋە خىراجەت تەننەرخىنى تېجىگىلى بولىدۇ.

   شىنجاڭ مەلۇم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شىركىتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى لى جۇشۈەن سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى دېلو تۇرغۇزۇش تەرتىپىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دەۋا قىلىشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ سوت ئاچقۇچە، ئۈچ ئايغا يېقىن ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر پەقەت بىر نەچچە كۈنلا كېتىدۇ، بەزى دېلولارنى دېلو تۇرغۇزۇش باسقۇچىغا كىرگۈزمەي تۇرۇپلا، دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە مەركىزىدىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

   ۋاڭ گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دېلو كۆپ، ئادەم ئاز بولۇشتەك بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە، مۇرەككەپ بىلەن ئاددىينى ئايرىش، مەخسۇس يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاممىغا قولايلىق ئەدلىيە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى – كېيىن باشلىغان. سوت مەھكىمىسىدە دەۋا مۇرەسسە مەركىزى تەسىس قىلغاندىن سىرت، تەۋەلىكىدىكى ئەدلىيە ئىدارىسى بىلەن كېڭىشىپ، سوت مەھكىمىسىدە خەلق ئەدلىيە مۇرەسسەخانىسى قۇرغان؛ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، قاتناش ئەترىتى، داۋالاش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى بىلەن بىرلەشمە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇپ، ئاجرىشىش، قاتناش ھادىسىسى، داۋالاش ماجىرالىرىنى ئەڭ تېز ۋاقىتتا ھەل قىلغان؛ كوچا باشقارمىسى، مەھەللە كومىتېتلىرى بىلەن كۆپ مەنبەلىك مۇرەسسە مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭىشەھەر رايونىدىكى 174 مەھەللىدە خەلق مۇرەسسەخانىسى تەسىس قىلغان، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئەرز قىلىش ۋە مۇرەسسەنى بىرلەشتۈرۈش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، زىددىيەت – ماجىرالارنى بىرلىشىپ ھەل قىلىش، بوسۇغىدىلا ھەل قىلىش، ھەل قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

(دېلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى