تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى

مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

   جاۋابكار ۋاڭ X  2012– يىلى 2 – ئايدا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ كۈنەس ناھىيەسىدە مەلۇم قۇم – شېغىل ۋە سېمونت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى قۇرغان ھەم كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرى قارغايلىسۇ كەنتىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك پاراۋانلىق ئورمانلىقىدا زاۋۇت قۇرۇپ، قانۇنسىز شېغىل ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 2017 – يىلى 5 – ئايدا دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى بۇ دېلونى كۈنەس ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كۈنەس ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش مەزگىلىدە، مەزكۇر دېلودىكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسى ھەق تەلەپ مەمۇرىيىتى تەپتىش ئورنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنغان. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبىسىگە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە جامائەت مەنپەئىتى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان.

    ئەيىبلىگۈچى سوتتا قاراپ چىقىشتا، بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن 30 نەچچە پارچە دەلىل – ئىسپات ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ جامائەت ئورمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقى، جامائەت ئورمىنىغا كەڭ كۆلەمدە زىيان سالغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆرسەتكەن. سوتتا ئۈچ سائەت قاراپ چىققاندىن كېيىن، سوتچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار يەنى كۈنەس ناھىيەسىدىكى مەلۇم قۇم – شېغىل ۋە سېمونت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنى جامائەت ئورمىنىغا زىيان سېلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىپ، يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇغان.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە قىلغان تۇنجى جىنايى ئىشلار قوشۇمچە جامائەت مەنپەئىتى ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەق تەلەپ مەمۇرىيىتى تەپتىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭنۇر ئابدۇرېشىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دېلونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلگەنلىكى شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگە ئائىت دەۋا دېلولىرىنى بېجىرىشىگە قىممەتلىك تەجرىبە يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى بىر قېتىملىق پايدىلىق سىناق ئىكەن.

   ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش ئورگانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىغان 12 جامائەت مەنپەئىتى دېلوسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ دەۋادىن ئىلگىرىكى تەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن، سوت مەھكىمىسى بىر جىنايى ئىشلار قوشۇمچە جامائەت مەنپەئىتى ھەق تەلەپ دەۋاسىغا ھۆكۈم چىقارغان، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دەۋا تەلەپلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

   ئەمەلىيەتتە، 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ تەپتىش ئورگانلىرى نۇقتىلاردا ئىككى يىل سىناق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى تۈزۈمى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان، بۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، بايلىقلارنى قوغداش، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتى ۋە دۆلەت مەنپەئىتى ئۇدا زىيانغا ئۇچراپ، دەۋادىن ئىلگىرىكى تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى قىلمىغان بولسا، مەمۇرىي ئورگانلار قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈزىتىشنى رەت قىلغان بولسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى قەتئىي قانۇن بويىچە جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. باش تەپتىش باشچىلىقىدىكى جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ خىزمەتتە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى پائال ئۆرنەك قىلىپ، مۇھىت ئاسراشنى تەكشۈرۈشتە بايقالغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە مەسىلىلەرگە جىددىي قاراپ، ئالدىنئالا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يىپ ئۇچىنى بايقاش ۋە تاللاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەق تەلەپ مەمۇرىيىتى تەپتىش ئورۇنلىرى ھەپتىلىك خىزمەت ئەھۋالى ۋە دېلولارنىڭ يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى دوكلات قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش مەقسەت قىلىندى.  

   ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغان مەمۇرىي جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى دېلولىرىنىڭ 192 يىپ ئۇچى، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار زىيان سالغان، تۆلەپ بېرىدىغان ھەق تەلەپ جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى دېلولىرىنىڭ تۆت يىپ ئۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، بايلىقلارنى قوغداش، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى، دۆلەت ئىلكىدىكى يەر ئوبوروتى ۋە دۆلەت مۈلكى قاتارلىق دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان 196 نۇقتىلىق يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزدى. بۇنىڭ ئىچىدە 116 يىپ ئۇچى مۇھىت بايلىقىنى قوغداش بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، %59نى ئىگىلىگەن؛ 45 يىپ ئۇچى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە سېتىش بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، %23نى ئىگىلىگەن؛ 30 يىپ ئۇچى دۆلەت مۈلكىنى قوغداش بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، %15نى ئىگىلىگەن؛ بەش يىپ ئۇچى يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، %3نى ئىگىلىگەن.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەق تەلەپ مەمۇرىيىتى تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسىغا ئائىت قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتى ۋە يېتەكلەش ھۆججەتلىرىنى ھەر ئايدا قەرەللىك ھالدا تۆۋەنگە تارقاتقان؛ ئىلگىرى –  كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە ھەق تەلەپ مەمۇرىيىتى تەپتىش كەسىپ تايانچلىرىدىن 80 نەچچە كىشىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا ئەۋەتىپ، جامائەت مەنپەئىتى دەۋاسى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى