تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بىز ئاياللار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۆھپە قوشىمىز

قابا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گۈلجەزىرە سارسىنبېك

   دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ بەختى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا ئامالنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇپ، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەيمەن، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى دادىل ئىچىگە قارىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق سۇيىقەستى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ.

   مەن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاياللارنى قول تۇتۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىجتىمائىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. ئاياللارنى ئېتىقادى مۇستەھكەم زامانىمىز ئاياللىرىدىن، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەتچان ئاياللاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى نەمۇنىچى ئاياللاردىن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياراملىق ئاياللاردىن بولۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. ئاياللارنى پائال يېتەكلەپ دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇشنى نامايان قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

   پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەر مىللەت ئاممىغا بەختىيار تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى، بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي يول قويمايمىز. بىز چوقۇم ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك. قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەك يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، باش نىشانغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى