تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى ئالىمجان ھاشىم

    ھازىر، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، بىر قىسىم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى، ھەتتا پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تۇتۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ، تىلى بىلەن دىلىنى بىردەك قىلماي، تۇيۇق يولغا ماڭدى.

   شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ھەممەيلەن ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، قىلچە تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، قەتئىي ئىشەنچ، قورقماس روھ ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

   مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىمەن؛ پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇپ، «پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىش» سىياسىي پىرىنسىپىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ پارتىيەگە، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي، كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

   مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەلىك كادىرغا خاس باشلامچىلىق رول ئوينايمەن. پارتىيەلىك كادىرغا خاس باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان «قارا قول»لارنى قەتئىي پەرقلەندۈرۈپ، تازىلاپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن توسىمەن، پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇپ، روشەن پوزىتسىيەم، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئورتاق قاتنىشىشقا يېتەكلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىرئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلايمەن. ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە دادىل قايتۇرما زەربە بېرىپ، كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىمەن؛ تەپتارتماستىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك گەپ- سۆزلىرىنى تارقاتقان، تەرغىب قىلغانلارغا قارشى تىغمۇتىغ رەددىيە بېرىمەن، كۈرەش قىلىمەن، ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن، مۈجمەللىك قىلمايمەن، گەپ- سۆزلەردە كەتكۈزۈپ قويمايمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس قازىمەن، تولۇق يوقىتىمەن.

   شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئاۋانگارت ۋە ئۈلگە بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى