تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز

مۇخبىرىمىز شى شىن

   باش شۇجى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 7- كۈنى گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا ماڭمىسا، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئوڭۇشلۇق ئالمىشالماي، جۇڭگو ھەقىقىي قۇدرەت تاپالمايدۇ. قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشقا، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك.

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تەرەققىيات، ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، ئەھمىيىتى چوڭقۇر.

   تەرەققىيات، ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ بىرىنچى» بىرلەشتۈرۈلگەن جاراڭلىق سۆزلەر باھاردا ياڭراپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

   يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چۆرىدەپ، دىققەتنى قانداق قىلغاندا بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاپ، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىغا مەركەزلەشتۈردى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق دېدى: ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

   يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى بېسىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىمىز

   پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭىلىق يارىتىش − تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. يېڭى سانائەت ئىنقىلابى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشى تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، تېزدىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىدىكى مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ھازىر دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش جانلانغان مەزگىلىگە قەدەم قويدى، تەپەككۇرىمىز ئىلگىرىكى كونا يولدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك، يېڭىلىق يارىتىشتىن سۈپەت، ئۈنۈمنى، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىن يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك.

   دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: بۇ يىل يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بىر تۈركۈم ئىجادچان باشلامچى كارخانىلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈلىدۇ.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇخپۇل ھەسەن مۇنداق دېدى: بىز بۇلتۇر پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن- تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدۇق، بۇ يىل خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تايانچ سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ پەن- تېخنىكا سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاقسۇنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيمىز.

   ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى بۇ يىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۇتقا قىلىنىپ، شىنجاڭ دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «پەرقلىق» ئالدىن يولغا قويۇش، سىناق قىلىش سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، «ئىختىساسلىقلار ئالاھىدە رايونى» قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېزدىن ماھىيەتلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىجادچان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار قاتارىغا ئۆتۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

   جاھاندىكى «بىرىنچى بايلىق»نى كەڭ توپلاپ، تەرەققىياتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز

   ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادرولۇق مۇھىم ئامىلى. ئىختىساسلىقلار، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك بولغاندىلا، كەسىپنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا، ئىقتىساد ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

   قانداق قىلغاندا دادىل بولۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ؟

   چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گۇرۇپپا باشلىقىلىقىدىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىختىساسلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر ۋە مۇكاپاتلاش چارىلىرىنى چىقاردى؛ ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈشتە «ئالاھىدە مۇلازىمەت يولى» تەسىس قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش، جورىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نوپۇس بېجىرىش قاتارلىق 30 مەسىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى؛ 3 مىليون يۈەن ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مەخسۇس خىراجىتى تەسىس قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، جەلپ قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى ھەمدە مالىيەنىڭ ئېشىش نىسبىتى بويىچە خامچوتنى يىلسېرى كۆپەيتتى؛ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋە ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئەمگەك، بىلىم، ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى كۈچەپ شەكىللەندۈردى.

   چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ تەيفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ «بىرىنچى بايلىق ئىدىيەسى» تەلىپىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − نۆۋەتتە نۇقتىلىق ئويلىشىدىغان خىزمىتىمىز. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مائارىپ، سەھىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

   مۇخپۇل ھەسەن مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى كارخانىلارنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاش سۇبيېكتىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

   شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پەن- تېخنىكا بۆلۈمى باش نازارەتچىسىنىڭ ياردەمچىسى تيەن شىن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كارخانىنى گۈللەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن «ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات، ئەمەلىي ئىشلىتىش» بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، «تۈر بويىچە ھەمكارلىشىش»، «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»، «بىرلىكتە تەربىيەلەش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىدۇق.

   «بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»نى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

   پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا «بۇ چوقۇم ھالقىيدىغان ئۆتكەل» دەپ تەكىتلىدى.

   يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت «بۇ چوقۇم ھالقىيدىغان ئۆتكەل»دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»نى قوزغىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىغا مېڭىش كېرەك.

   شىنجاڭ جىنفېڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. جىنفېڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزىنىڭ رەقەملەشتۈرۈشكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى فۇرۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جىنفېڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شامال ئېلېكتىر كەسپى زەنجىرىنى تولۇق رەقەملەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدا شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى پىلانلاپ لايىھەلەش ۋە باشقۇرۇش- مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شامال ئېلېكتىر تۈرىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىگە سىڭدۈرۈلگەن مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

   شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغاچقا، مۈلكى قەرزنى قايتۇرۇشقا چىقىش قىلمايدىغان، تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەھەللە زاۋۇتىدىن تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا توك يەتكۈزۈش كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىغا، دۆلىتىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى ئاليومىن ئېلېكتىرون، كۆپ كىرىستاللىق سىلىتسىي يېڭى ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ئېكسپورت قىلىدىغان بازىغا، چوڭ تىپتىكى فوتوۋولت، شامال ئېلېكتىرى سودىگىرىگە ئايلاندى.

   تيەن شىن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر كارخانا تەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ھەر يىلى تىجارەت كىرىمىنىڭ %4ىنى مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش تۈرىگە ئاجرىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى يولغا قويدى، زور بىر تۈركۈم مۇھىم يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيە تېجەش، توك يەتكۈزۈش تېخنىكا ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋەكىللىك قۇرۇلۇشلارغا قاتناشتى. بۇ يىل ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى دىققەتنى زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. شىنجاڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەتتە يېڭى دەۋردە مەردانە قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى