تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تۈرلۈك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ

 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. 2018-يىلى شىنجاڭدا تۈرلۈك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  بۇ تەدبىرلەر مېيىپلەر، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات مېيىپلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مېيىپلەر ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 68 مىڭ 500 نامرات مېيىپ كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر ۋە ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەرگە قارىتا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ شەخسلەر ئۆزى تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىگە مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى ئىمكانقەدەر كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ ھەم مۇۋاپىق پەيتتە، ئەھۋالغا قاراپ تۈرگە ئايرىلىپ سۇغۇرتا ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە پەرۋىش تولۇقلىمىسى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تولۇقلىما ئۆلچىمىدە ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت يولغا قويغان پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىغا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات مېيىپلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر قۇرغان كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسىتىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

  ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جاڭ خەييەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىدۇ ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش تېزلەشتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئىختىساسلىقلارنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تەربىيەلەش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەمدە مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل يەنە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى نىزامى ھەمدە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇش چارىسى تېز يولغا قويۇلىدۇ. توسالغۇسىز مۇھىتتىكى شەھەر، ناھىيە، يېزا-بازار قۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، بۇ يىل 3 مىليون 660 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 1047 مېيىپلەر ئائىلىسى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى