تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان روشەن پوزىتسىيەسىنى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشتا جەزمەن ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئۆتكەل ئىكەنلىكى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ھەم بۇ جەڭنى ياخشى قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى جەزمەن ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش زۆرۈرلۈكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇمىيىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ بىزگە «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

   يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

   بىرىنچى، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشنىڭ زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

   ئىككىنچى، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مالىيەنىڭ چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز ئېلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، يوشۇرۇن قەرزلەرنى پائال، مۇۋاپىق تۈگىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى مەنبەدىن باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى كۈچەپ تەرتىپكە سېلىپ، قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر كۆرۈلمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرگە يېقىنلىشىش» ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى كۆزلەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى ئۆستۈرمەسلىك، نەپسىنى يامان قىلماسلىق؛ ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، 2020- يىلى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىلا تەستىقلاش تۈزۈمىنى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقتىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە تىرىشىپ غەلىبە قىلىپ، دىزېل موتورلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەش، شەھەرلەردىكى يۇندىلارنى تىزگىنلەش، سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى بۇلغىنىشنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «تۆت قۇرۇلما»نى ھەقىقىي تەڭشەپ، «تۆتنى ئازايتىپ، تۆتنى ئاشۇرۇپ»، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   تۆتىنچى، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ھەقىقىي كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىۋاسىتە تۇتۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇش، باشقۇرۇشقا مەسئۇل يولداشلار ئالدىنقى سەپتە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىش، جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   بەشىنچى، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسكىن بولۇش، ھەيۋە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش- مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم- كوتسىز ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ئالتىنچى، يۆنىلىشنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەڭ قاتتىق باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش ئەھۋالىنى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش، ناچار ئىشلىگەنلەرنى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتىش، تەرتىپكە سېلىش، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، تەرەققىيات يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشى ۋە ئىستىل يۆنىلىشى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.