تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرىمىز

   «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش — پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردە <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسى. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك بولۇش- بولماسلىق، يېزىلار گۈزەل بولۇش- بولماسلىق، دېھقانلار باي بولۇش- بولماسلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەرىجىسىنى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك»، «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى زور ئىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3- ئاينىڭ 8- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى يېزا تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە نىشان كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۇلار بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېھقانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلمىي ئىلگىرى سۈرىمىز.

   زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپ تەرەققىياتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامراتلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، يېزا تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې چياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، دېھقانلارنى ئەۋزەللىككە ئىگە خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.

   ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇڭشۈ مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يېڭى دەۋردىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى. باش شۇجى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، بىز يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى دېھقان- چارۋىچىلاردىن سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشقا يېتەكلەپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ۋە بېيىش يولى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

   سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ جىرۇڭ مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىككە ئىگە خاس يېزا ئىگىلىكىنى بازىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىككە ئىگە خاس يېزا ئىگىلىكى بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ساياھەتچىلىكى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىختىساسلىقلار كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا- كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

   توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ ۋېيچياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزىلاردا ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارامىتىنى كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرىدىغان كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، يېزا- كەنتلەردە ئىختىساسلىقلار، يەر، مەبلەغ، كەسىپلەر توپلانغان ياخشى يۈرۈشۈش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خەن ۋەنجۈن مۇنداق دېدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. يېڭى دەۋردە يېزا- كەنتلەر تېخىمۇ كۆپ يېڭى «قان»غا ئېھتىياجلىق، سانجى ئوبلاستى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، جەلپ قىلىشتا نۇرغۇن چارە ئىزدىدى. تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش، سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر تۈركۈم يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلاردا چېنىقتۇرۇشنى كادىر تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا خىزمىتىدە نەتىجە ياراتقان، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئاساسىي قاتلامغا ئاقىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئىستۇدېنتلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، باشقا جايلاردىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

   يېزا- كەنت مەدەنىيلىكىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيەۋى قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق ئۆلچىمىنى چوڭقۇر قېزىپ، سەھرا مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈپ ۋە قېزىپ، ئاساسىي مېلودىيە ۋە توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي خەلق ئىستىلى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېلىل خېلىل مۇنداق دېدى: يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە ھەم «يانچۇقنى تومپايتىش»، ھەم «ئىدىيەنى بېيىتىش» كېرەك. ئاقسۇ ۋىلايىتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى يېزا- كەنت مەدەنىيىتىگە قويۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇڭ جىنيۈ مۇنداق دېدى: يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر.

   تېكەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن فۇخۇا مۇنداق دېدى: يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە ئاممىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇش ئاچقۇچ. تېكەس ناھىيەسى بۇ يىل تۈزۈم، ئىختىساسلىقلار، تەدبىر قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەپ، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   ياخشى ئېكولوگىيەنى يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا- كەنت ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت- ماكان بەرپا قىلىش كېرەك.

   قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق سۇ مەمۇرىيىتى- سۇ بايلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ لىدۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېۋىرغول رايونى دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ رايونىدىكى قىرغاق لىنىيەسىنى باشقۇرۇش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قومۇلنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدى.

   باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۈيسۇ بازىرى كۈيسۇ كەنتىدىكى شۈ يۈفاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىز پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ھەممىمىز يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار، ھەممە كىشىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، چوقۇم مۇھىتىمىزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، سىجىل تەرەققىي قىلالايمىز، ئەۋلادلىرىمىز تېخىمۇ گۈزەل يۇرت- ماكانغا ئىگە بولالايدۇ.

   بۇرچىن ناھىيەسى چۇڭقۇر بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ يېجۈن مۇنداق دېدى: بىز رايون ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، بۇرچىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى چوقۇم ياخشى قوغدايمىز، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە، كۈتۈنۈش ساياھىتىدە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يېتىلدۈرىمىز.

   مۇستەھكەم يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا- كەنت تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كۈچلۈك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان مۇنەۋۋەر يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىسى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە زامانىۋى يېزا- كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرىمىز.

   خوشۇت ناھىيەسى شىنتارى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇپ، يېزا كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلار خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىمىز.

(مۇخبىرلىرىمىز گې يۇجۈن، خەن چىنيەن، چېن چېن، شيا چىڭ، جاڭ تىڭ، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن مىڭ ۋېنتۈەن، ۋاڭ ۋېي، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۇەن، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ لىجۈن، ئەن يەن، كۇۋ جۈنفېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى