تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«بىر پىيالە چاي» دىن باشلانغان دوستلۇق

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئەبەيدۇللا مەمەتنىياز، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەختۇمگۈل تۇردى


   باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.

   ئىلگىرى بىر- بىرى بىلەن تونۇشمايدىغان، ئىككى مىللەتتىن بولغان بىر جۈپ ياش بىر پىيالە چاي بىلەن تونۇشۇپ، 30 يىللىق دوستلۇق، ئاچا- سىڭىللىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈردى، ئۇلار ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

   بۇلتۇر 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورلا شەھىرى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دەرۋازىسى ئالدىدىكى يولنى تازىلاۋاتقان تازىلىق ئىشچىسى تۇنساخان تۇردى ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئالدىراۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇزاق يىللىق تۇغقىنى، 73 ياشلىق خەنزۇ ئاچىسى ۋاڭ لىپىڭنى يوقلاشنى يەنە ئۇنىڭغا لەڭمەن ئېتىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. 16 يىلدىن بېرى كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇنساخان تۇردى جاپا تارتسىمۇ قىلچە زارلانماي، شەھەر كوچىلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپلا قالماي، يەنە ھەممىگە تونۇشلۇق تىرىشچان ئايالغا ئايلاندى. ئۇ ئۇزاق يىل جاپاغا چىداپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، 2011- يىلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە «ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، بۇلتۇر كورلا شەھىرى بويىچە «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى، 2015- يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە «<8- مارت> قىزىل بايراقدارى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى، بۇلتۇر يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى تەرىپىدىن «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» دەپ شەرەپلىك نام بېرىلدى. ئۇ ئازغىنە مائاشىغا تايىنىپ، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغاندىن باشقا، «جۇڭگو ياخشى كىشىلەر ئەترىتى جامائەت پاراۋانلىق ساخاۋەت فوندى»غا قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ كەلدى.

   تۇنساخان تۇردى 30 يىل ئىلگىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئولتۇراتتى. ئۆيى يول بويىدا بولۇپ، ھويلىسىدا رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇراتتى. 1988- يىلى 8- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇ بالىسى بىلەن بازاردىن قايتىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىدا بوينىغا ئاپپارات ئېسىۋالغان بىر خەنزۇ ئايالنىڭ ۋېلىسىپىتىنى توختىتىپ قويۇپ، يول بويىدىكى تېرەككە يۆلەنگىنىچە ھارغىن ھالەتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى، تومۇز ئىسسىقتا ئۇنىڭ پېشانىسىدىن مونچاق- مونچاق تەر ئېقىۋاتاتتى.

   − ئاچا يۈرۈڭ، ھويلىغا كىرىپ چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىۋېلىڭ، − دېدى تۇنساخان تۇردى ئۇ خەنزۇ ئايالغا ھېسداشلىق قىلىپ.

   ئۇ خەنزۇ ئايال سەل قورۇنۇپراق ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھويلىغا كىردى. تۇنساخان دەرھال ھويلىدىكى سۇپىغا داستىخان راسلاپ، بىر چەينەك چاي دەملەپ، نان ۋە مېۋە- چېۋە ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ ئايال چاي ئىچىپ، ئازراق ھاردۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ھويلىدىكى چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرۈپ تۇنساخان تۇردىغا:

   − سىڭلىم، ھويلىڭىزدىكى گۈللەر نېمىدېگەن چىرايلىق! سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغانلارنى ھويلىڭىزغا ئەكىرىپ بۇ چىرايلىق مەنزىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە تارتسام بولامدۇ؟ − دەپ سورىدى.

   − بولىدۇ ئاچا، تارتىنماي باشلاپ ئەكىرىۋېرىڭ، − دېدى تۇنساخان تۇردى قىزغىنلىق بىلەن.

   شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ خەنزۇ ئايال سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغان خېرىدارلىرىنى پات- پات بۇ ھويلىغا ئەكىرىپ سۈرەتكە تارتىدىغان بولدى، بەزىدە تۇنساخان تۇردى ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ سۈرەتكە تارتىپ قويدى، تۇنساخان تۇردى ھەر قېتىم كەلگەنلەرنى چاي دەملەپ، داستىخان سېلىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى مانا مۇشۇنداق باشلاندى...

   بۇ خەنزۇ ئايالنىڭ ئىسمى ۋاڭ لىپىڭ بولۇپ، كورلا شەھىرىدىن ئىدى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋېلىسىپىت بىلەن سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىنى ئايلىنىپ سۈرەت تارتاتتى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھېيت- بايراملاردا بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا يوقلىشىپ تۇرىدىغان بولدى. ئىككى ئائىلىدىكى بالىلارمۇ خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشتى.

   − بىز تونۇشقاندىن بېرى، خۇددى ئاچا- سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتۈۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە، ئۆز قولۇم بىلەن ئەتكەن لەڭمەننى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، − دېدى تۇنساخان تۇردى مەمنۇن بولغان ھالدا.

   ئەلۋەتتە، ۋاڭ لىپىڭمۇ تۇنساخان تۇردى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيىگە پات- پات مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ تۇراتتى، تۇنساخاننى ئۆيىگە كېلىپ لەڭمەن، پولۇ ئېتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاتتى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق يەپ، ھال- مۇڭ ئېيتىشىپ، شاد- خۇراملىققا چۆمەتتى، تۇنساخان تۇردى تۇنجى قېتىم ۋاڭ لىپىڭ ھەدىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قايتقىنىدا، ۋاڭ لىپىڭ ئۇنىڭغا بىر مەش ۋە رەڭلىك تېلېۋىزور سوۋغا قىلدى.

   − بىز شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەندە، ۋاڭ ئاچام ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، − دەپ سۆز باشلىدى تۇنساخان ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، − بىزنىڭ مۇقىم ئۆيىمىز بولمىغاچقا، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئۇياقتىن- بۇياققا كۆچۈپ يۈردۇق، بۇ جەرياندا ۋاڭ ئاچامنىڭ ئادرېسى، تېلېفون نومۇرىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يوقىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئىزدىشەلمىدۇق. كېيىن تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىدىم. تۆت يىل ئىلگىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز كوچىدا كېتىۋاتقان بىرىنى ۋاڭ لىپىڭ ئاچامغا ئوخشىتىپ قېلىپ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كېلىشى بىلەن چۈشۈپ، ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدىم، دەرۋەقە، خاتا تونۇماپتىمەن، ئۇ دەل ۋاڭ لىپىڭ ئاچام ئىكەن. ئىككىمىز كۆرۈشۈپ ھاياجانلانغانلىقىمىزدىن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق ...

   ئەسلىدە، ۋاڭ لىپىڭ ياشىنىپ قالغاچقا، بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئىكەن. خېلى بىر مەزگىل بىر- بىرىنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىپ، تېپىشالمىغان تۇغقانلار قايتا ئۇچراشتى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش- كېلىش تېخىمۇ قويۇقلاشتى، مېھىر- مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئىناقلىق، دوستلۇق ۋە مېھىر- مۇھەببەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان تۇنساخان تۇردى خىزمەت جەريانىدا ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسا، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ كەلدى، قىشتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ياشانغانلارنى كۆرسە، دەرھال بېرىپ ئۇلارنى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى، بەزىدە ئۆيىنى تاپالماي قالغان ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۇچراتسا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلىسىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى، كىملىك، بانكا كارتىسى، سومكا قاتارلىق بۇيۇملارنى تېپىۋېلىپ، ئىگىسى كېلىپ ئېلىۋالغۇچە ساقلىدى ياكى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ۋاڭ لىپىڭ بىلەن تۇنساخان تۇردى قايتا ئۇچراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىر- بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى