تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

تەربىيەگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇشقا سەل قاراش

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، بالا ئالدى بىلەن دورايدىغان ئۈلگە، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، ئىدىيەۋى كۆز قارىشى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقىدىن ئاتا-ئانىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزى ئاۋازلىق ھەرىكەت، ئىش-ھەرىكىتى ئاۋازسىز تىل.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاتا-ئانىلار پىشىپ يېتىلگەن ھەم جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەمىنلىگۈچى ۋە ھامىيچى بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولۇشنىڭ ئۈلگىسى، ھەرىكەتتە باشلامچى بولۇشى كېرەك. بالىنىڭ ئالىيجاناب ئەخلاقى، ئەقىللىق مېڭىسى، ساغلام بەدەن قۇرۇلۇشى، گۈزەل قەلبى، تىرىشچان ئادەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە تەربىيەسىدىن، ئاتا-ئانا تەربىيەسىدىن كەلگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

«ئاتا-ئانىلار قوللانمىسى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى