تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان مەخپىيەتلىكلەر

    رېتىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش. رېتىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاسان ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىپ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەمما بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتىنى بەلگىلەش ۋە ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت ئىلگىرى بەدەن چېنىقتۇرماسلىق كېرەك.

    رېتىملىق غىزالىنىش. ئاچ قورساق ئۇخلىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئاچ قورساق ئۇخلىغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئازراق ئۇششاق-چۈششەك (پىرەنىك،  سۈت) يېمەكلىك يېسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، ئەمما زىيادە مايلىق ياكى تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكنى يېمەسلىك كېرەك.

    ھاراق ئىچمەسلىك. ھاراق ئۇيقۇنى كەلتۈرسىمۇ، ئەمما بالدۇر ئويغۇنۇپ كېتىش ۋە بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا ئۇيقۇسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    ئىچىملىكنى زىيادە كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش. كېچىدە كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش سەۋەبلىك كۆپ ھاجەتخانىغا چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچىملىكنى بەك كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. ياشانغانلار تاماقتىن كېيىن 500 مىللىلېتىردىن ئارتۇق سۇ ياكى ئىچىملىك ئىچمەسلىكى كېرەك.

    كۆپ خىيال قىلىشتىن ساقلىنىش. ئادەتتە يولۇققان مەسىلىلەرنى كەچتە كۆپ ئويلىماسلىق كېرەك. كەچتە كۆپ ئويلانغاندا ئۇيقۇ قېچىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى