تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

نىكاھ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت مۇھىم ئامىلنى بىلەمسىز؟

    ئامېرىكىلىق نىكاھ مەسلىھەتچىسى مىكى ماكۋېلد نىكاھتا دائىم ئۇچرايدىغان تۆت «چېگىش مەسىلە» نى تەھلىل قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    1. ئادەت خاراكتېرلىك ئاغرىنىش. ھەر ئىككىلا تەرەپ مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئارتىپ، بىر-بىرىگە يول قويمىسا، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئادەت خاراكتېرلىك ئاغرىنىش، ئەيىبلەش شەكىللىنىپ، ئۇرۇشۇشتا كىم يېڭىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ئىككىيلەنلا نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى يېڭىلگۈچى بولۇپ قالىدۇ. ئەر-خوتۇن بولغۇچىنىڭ يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇۋېلىشىدىن مۇھىم. شۇڭا ئاغرىنىشنى تۈگىتىڭ، نېمە بولسا شۇنى سۆزلەڭ ياكى سۈكۈت قىلىڭ.
    2. ئۆزىنى قالتىس چاغلاش. بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئائىلىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى چاغلىۋېلىپ، قارشى تەرەپنى «ئېغىر يۈك» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىش ۋە ئائىلىدە بالا بېقىشنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش ئەمەس خالاس، شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ ئائىلە ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقىغا كۆز يۇمۇۋالماسلىق كېرەك. جورىڭىزنىڭ ئائىلىدە ئوينىغان رولىغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئۇنىڭ ئائىلە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆپرەك ئېتىراپ قىلىڭ.
    3. بەك قاتتىق قول بولۇۋېلىش. بىر تەرەپ ھە دېسىلا قارشى تەرەپنى پىشىپ-يېتىلمىگەن، مەسئۇلىيەت ئېڭى يوق، ئىشەنچلىك ئەمەس، دەپ ئەيىبلەۋەرسە، ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە ئېغىر دەز كېتىدۇ. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن چوقۇم جورىڭىز بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن قارار چىقىرىڭ.
    4. يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش. نىكاھ تۇرمۇشىدا بىر تەرەپ ھاراق، زەھەر، تور ئويۇنى قاتارلىقلارغا خۇمار بولۇپ قالسا، جورىسى ئۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلىنىدۇ. دەسلەپتە بىر ئاز سۈكۈت قىلغاندەك بولسىمۇ، قارشى تەرەپتە ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىسا، جورىسى ئائىلىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. شۇڭا، خۇمار بولۇپ قېلىش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى