ئانار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئانارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاپتاپتىن ساقلاپ تېرىنى ئاسرايدىكەن. ئانار تەركىبىدىكى ئېللاگىك كىسلاتا قاتارلىق پولىفېنول ماددىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكالغا قارشى تۇرۇپ، مۈڭگۈز ماددىسىنى قوغداپ تېرىنى يۇمران، پارقىراق قىلىدىكەن.
ئېيىق ئۈزۈمى. ئېيىق ئۈزۈمىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىنىڭ مىقدارى ھەر قانداق يېمەكلىكتىن كۆپ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا تېرىنى ئاسراپ، ئاپتاپتا كۆيۈشتىن، روھىي بېسىم ئېشىپ كېتىشتىن ياكى زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ئەركىن رادىكاللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ھەر كۈنى ئېيىق ئۈزۈمى يېگەندە تېرە ھۈجەيرىلىرى زىيانغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىققان تېرە قېرىش ۋە قورۇق كۆپىيىش قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
پەمىدۇر (شوخلا). پەمىدۇر تەركىبىدىكى پەمىدۇر قىزىل ماددىسى تېرىدىكى كوللاگېننى ئاسراپ، ئاسان يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. گىرمانىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، پەمىدۇر قىزىل ماددىسى قورۇقنى يوقۇتۇپ تېرىنى يۇمران، پارقىراق قىلىدىكەن. دائىم يەپ بەرسە كۆز ئەتراپى ئاسان قارىداپ قالمايدىكەن.
تاۋۇز. تاۋۇز تەركىبىدە ۋىتامىن C دىن باشقا پەمىدۇر قىزىل ماددىسى بىلەن كالىيمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ، ھۈجەيرىنى يېتەرلىك ئوزۇقلاندۇرۇپ تېرىنى تېخىمۇ يۇمران قىلىدۇ.
ئالما. ئالما پوستىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا كۇئېركىتىن قىسقا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ. شۇڭا سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈشتىن سىرت يەنە ئالما يېيىش كېرەك.
مايمۇن شاپتۇلى (ئاكتىنىدىيە). مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، قارا پىگمېنت شەكىللىنىشىنىڭ ۋە تېرە ئاستىغا چۆكۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تېرىنى ئاق ھالەتتە ساقلايدۇ ۋە تېرىدىكى سەپكۈننى يوقىتىدۇ.
بۆلجۈرگەن. بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى ۋىتامىن C كوللاگېن تالاسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى پارقىراق ھەم ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ.
ئۈژمە. ئۈژمىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن، ئورگانىك كىسلاتا، كاروتېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى باشقا مېۋىلەرگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ، مەسىلەن، كالىي، كالتسىي، ماگنىي، تۆمۈر، مانگان، مىس، سىنك. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئۈژمىنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، قىزىل قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق رولى بار.