تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

قىزلار ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئالتە جۈملە

    1.قىزلار ساقسىز بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭغا «كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىڭ» دېسىڭىز، ئىنتايىن ئاچچىقى كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا يىگىتلەر «كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىڭ» دېمەستىن بەلكى دورا ئېلىپ بېرىشى ياكى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
    2.قىزلار ئازراق سەمىرىپ قالغاندا، ئەگەر «يەنە سەمېرىپ كېتىپسىزغۇ» دېگەن سۆزنى قىلسىڭىز قىز دوستىڭىز ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئەڭ يېقىن دوستىڭىزمۇ بۇنداق سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سىزدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ. ئەقىللىق يىگىتلەر بۇنداق ۋاقىتتا، قىزلارنىڭ سەمېرىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمايدۇ ياكى ئازراق سەمېرىسىڭىزمۇ يەنىلا چىرايلىق كۆرىنىۋېرىدىكەنسىز دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ.

    3.سوقۇشۇپ قالغاندا، قىزلار ھەممىدىن بەك يىگىتلەرنىڭ «قانداق قىلسىڭىز قىلمامسىز» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۆچ. چۈنكى بۇ سۆز ئاڭلىماققا قارشى تەرەپنى ئازراقمۇ مۇھىم بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، ھەتتا ئايرىلىپ كېتىشكە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    4.قىزلارنى قوغلىشىۋاتقاندا، ھەر قېتىم پاراڭنى «تاماق يېدىڭىزمۇ» دېگەن سۆز بىلەن باشلاشتىن ئىھتىيات قىلىڭ، چۈنكى قىزلار بۇنىڭدىن ئاسان بىزار بولىدۇ. پاراڭلاشقاندا ئەتراپىڭىزدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارنى ۋە ياكى قىزىق گەپلەرنى قىلسىڭىز قىزلارنى ئۆزىڭىزگە تېز قارىتالايسىز.

    5.بەزى يىگىتلەر بىلەرمەنلىك بىلەن دائىم سىز مېنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستۇمغا ئوخشايدىكەنسىز دېگەن سۆزنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا قارشى تەرەپ ئۆزىنى سەپلىمە ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالىدۇ-دە، يىگىتنىڭ زادى كىمنى ھەقىقىي ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. يىگىتلەر بۇنداق سۆزنى قىلغاندىن بىز بۇرۇن بىر يەردە كۆرۈشكەندەكلا، بىر خىل تونۇش بىلىنىۋاتىسىز دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ياخشىراق بولىدۇ.
    6. يىگىتلەر قىزلارغا سز نېمانچە بەتخەج دېگەن سۆزنى قىلغاندا، ئالدى بىلەن قىزغا پىخسىق ۋە قارشى تەرەپنى ئازراقمۇ ئەتىۋارلىمايدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ ياسىنىشى يەنىلا يىگىتىگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن، شۇڭا يىگىتلەر بۇ ۋاقىتتا ئەكسىچە قاخشىسا چوقۇم كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى