تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئوقۇغۇچىلارغا «مېھىر پارتىسى» سوۋغا قىلدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى: 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇما ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى ۋە كۆكتېرەك، پىيالما يېزىلىرىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى سەككىز كادىر كەنت كومىتېتى ھويلىسىدا ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ سېتىۋالغان جەمئىي 12 مىڭ 720 يۈەن قىممىتىدىكى 113 يۈرۈش «مېھىر پارتىسى»نى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان 113 نەپەر ئوقۇغۇچىغا سوۋغا قىلىپ، بۇ كىچىك دوستلارنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى.

   ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا بۇ مەكتەپتىكى 113 ئوقۇغۇچىغا جەمئىي 2750 يۈەن قىممىتىدىكى 113 سومكا ۋە دەپتەر- قەلەم تارقىتىپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى