نۇرغۇن شوپۇرلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول چىرىغىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا كېچىدە يول يۈرگەندە ئاپتوموبىل چىرىغىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق ۋاقىتتا يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەكمۇ ياكى يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى يېقىش كېرەكمۇ؟
ئادەتتە يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنىڭ يورۇتۇش دائىرىسى 50 مېتىر، يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنىڭ يورۇتۇش دائىرىسى 150 مېتىر بولىدۇ، ئەگەر سائىتىگە 120 كىلومېتىرلىق يۈرۈش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىساق، بىر سېكۇنتتا 33.3 مېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن 100 مېتردىن ئارتۇق ئارىلىق بولسا، يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى، ئارىلىق يېقىن بولسا، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن يېقىننى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش لازىم.