تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

مۆجىزە دەل ئېغىزىڭىزدا (2)

    5. سەلبىي پاراڭنى ئىجابىي پاراڭغا ئايلاندۇرۇڭ
    ئېرىڭىزنىڭ بۈگۈن سىز بىلەن كىنوغا بارغۇسى كەلمەي قالدى، بالىلارنى باغچىغا ئاپىرايلى، دېسىڭىزمۇ ئۇنىمىدى، بەلكىم ئاخشام ياخشى ئۇخلىيالمىغاندۇ ۋەياكى سەۋەبسىزلا سىرتقا چىققۇسى كەلمىگەندۇ...ئەمما سىز توختىماي سەۋەبىنى سورىدىڭىز.
    ئۇنىڭغا :بۈگۈن نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن كىنوغا بارمايسىز؟-دەپ كىرىشىۋالغاندىن ئۆزىڭىزدىن نېمىشقا بۈگۈن كىنو كۆرگىلى بارىمەن، دەپ سوراپ بېقىڭ. خۇددى ئىستاكاندا يېرىم ئىستاكان سۇ بولسا، سىز «ئارانلا يېرىمى قاپتۇ» دېسىڭىزمۇ، «يەنە يېرىم ئىستاكان سۇ بار ئىكەن» دېسىڭىزمۇ بولغىنىدەك. پاسسىپ نۇقتىدىن ئاكتىپ نۇقتىغا يۆتكىلىڭ، كەيپىياتىڭىزمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.
    6. بىرگە بولۇشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىڭ.
    ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىڭلار ئالدىراش، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپ پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىڭلار ئاز، ۋاقتىڭلار بار دېيىلسىمۇ، ئائىلىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما كۆڭلىڭىزدە ئىككىڭلارنىڭ بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارنى ھېس قىلدىڭىز...

    بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى - ئېرىڭىز بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىڭ، ئۆيدىكى ئاددىي ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلساڭلارمۇ ئارىلىقىڭلار يېقىنلىشىدۇ.
    7.قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە بويسۇندۇرۇڭ.
    ئېرىڭىز بىلەن ئوخشاش قىزىقىشىڭىز يوق، بىرەر پائالىيەتكە بىللە قاتنىشىپ باقمىغان، ئۇنىڭغا ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزىڭىز بولسىمۇ، ئەمما ئاغزىڭىزنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغاندا يۇتۇۋەتتىڭىز.
    بىر پىلان تۈزۈپ، ئەتىگەندە ئېرىڭىز بىلەن بىللە چېنىقىڭ، جاپا تارتسىڭىزمۇ بەل قويۇۋەتمەڭ. ئەر-خوتۇن ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارغا ھەيدەكچىلىك قىلساڭلار، كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلاردا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشۇڭلارغا، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقلاردىن بىرلىكتە بەھرىلىنىشىڭلارغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ. كۆز قارىشىڭلار ئوخشاش بولمىسا ھېچقىسى يوق، ھەرىكىتىڭلار بىردەك بولسىلا كۇپايە.
    8. قارشى تەرەپنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ.
    ئېرىڭىز ئېغىر-بېسىق بولۇشى، تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز دەل ئەكسىچىمۇ؟ ھەمىشە سۆزلەۋېتىپلا ئاۋازىڭىز يۇقىرىلاپ كېتەمدۇ؟
    ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك. جورىڭىزغا گەپ قىلغاندا ئۇ ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدا، ئاستا، تەمكىن سۆزلەپ بېقىڭ. ئۇنىڭ ئادىتىگە ماسلىشىپ سۆزلىگەن چېغىڭىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىلغان سۆزىڭىز باشقىچە ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ تۇرمۇشتىكى «كۆچۈرمىچىلىك» ياكى «پارا بېرىش» ئەمەس، پەقەت قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدا سۆزلەش خالاس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى