تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەت بويىچە تۇنجى مۇھىت ئاسراش باج تالونى شاڭخەيدە چىقىرىلدى ‏

شاڭخەيدىكى «باسىفۇ» يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا ۋەكىلى جاڭ لى مۇھىت ئاسراش باج تالونىنى كۆرسەتتى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىز مۇھىت ئاسراش بېجىنىڭ تۇنجى باج يىغىش مۇددىتىگە كىردى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «باسىفۇ» يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە خادىملىرى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ قولىدىن شاڭخەي شەھىرى بويىچە تۇنجى بولۇپ چىقىرىلغان مۇھىت ئاسراش باج تالونىنى ئالدى. بۇ ھەم مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم چىقىرىلغان مۇھىت ئاسراش باج تالونى، مۇھىت ئاسراش بېجىنىڭ ئېلىمىزدە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى