شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭى ئىشلىتىش ئىسپاتى يوقلارغا 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېقىلغۇ گاز شىركەتلىرى گاز تۇڭىنى نورمال ئالماشتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بازىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تازىلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تىجارىتى ئىجازىتى بولغان كارخانىلار سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىغا ئىككىلىك كود چاپلاش خىزمىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىدىغان خېرىدارلار چوقۇم تەۋەلىكىدىكى مەھەللىگە بېرىپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىش ئىسپاتى ئېچىشى ھەم يۇقىرىدىكى ئىككى كارخانىغا بېرىپ گاز بىلەن تەمىنلەش ئىسپاتى بېجىرىشى، بارلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىغا چوقۇم ئىككىلىك كود قوشۇشى كېرەك.
گاز تۇڭلىرىغا ئىككىلىك كود چاپلانمىغان خېرىدارلار بولسا، گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتلىرى ياكى گاز ئالماشتۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككىلىك كود چاپلانغان گاز تۇڭلىرىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك. سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىغا ئىككىلىك كود چاپلاش خىزمىتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاياغلىشىدۇ، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئىككىلىك كود چاپلانمىغان بارلىق گاز تۇڭلىرى يىغىۋېلىنىپ، بىراك قىلىنىدۇ.