پەرداز قىلىشنى يېڭى ئۆگىنىۋاتقان خانىم-قىزلار بەلكىم ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمى بىلەن BB مەلھىمىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي بېشى قاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل ئاقارتىش مېيىنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەگلىك پەرداز بۇيۇمى بولۇپ، تېرىنىڭ رەڭگىنى تۈزەش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمى بىر قەدەر كەسپىي بولغان تەگلىك پەرداز قىلىش مەھسۇلاتى، BB مەلھىمى بولسا يېڭى پەرداز قىلىشنى ئۆگەنگەنلەرگە بەكرەك ماس كېلىدىغان تەگلىك پەرداز قىلىش مەھسۇلاتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس.
ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمى بىلەن BB مەلھىمىنىڭ پەرقى
ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمى بىر قەدەر كەسپىي تەگلىك پەرداز قىلىش مەھسۇلاتى بولۇپ، تېرىنىڭ رەڭگىنى تەكشىلەپ، داغنى يوشۇرۇپ، تېرىنى پارقىراق ھەم ساغلام كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمىغان ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، بىر قەدەر قۇرغاق تېرىلىكلەر نەملىك ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىنى سۈرسە تېرىسى نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ. تېرىسى ئاسان مايلىشىدىغانلار، ماينى تىزگىنلەيدىغان، پەردازنى ئۇزۇنغىچە ساقلايدىغان نۇرسىز ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمىنى سۈرسە تېرىسى ئۇنچە مايلىق كۆرۈنمەيدۇ ۋە پەرداز ئۇزۇن تۇرىدۇ.
يەنە بىرى، ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمىنى سۈرگەندە ئەسلى تېرىڭىزنىڭ رەڭگى بىلەن كۆپ پەرقلىنىدىغاننى سۈرمەڭ، ئۇنداق بولمىغاندا پەرداز تەبىئىي كۆرۈنمەيلا قالماي يەنە ئەكسىچە بەك قېنىق پەرداز قىلىۋالغاندەك كۆرۈنۈپ قالىسىز.
BB مەلھىمى پەرداز قىلىشنى يېڭى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. BB مەلھىمى دەسلەپتە كۆيۈكنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن، كېيىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پەرداز بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. BB مەلھىمىنىڭ نەملىك ساقلاش، داغنى يوشۇرۇش، تېرە رەڭگىنى تەكشىلەش، ئاپتاپتىن ساقلاش قاتارلىق رولى بار. BB مەلھىمى كەسپىي تەگلىك پەرداز مەھسۇلاتى ئەمەس، چۈنكى رەڭ تۈرلىرى ناھايىتى چەكلىك. ئەمما BB مەلھىمى ئۇپىلىق تەگلىك مەلھىمىدەك قېلىن ئەمەس، شۇڭا تېرىسى ياخشى ئاياللار BB مەلھىمى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.