ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا بىر ئاي داۋاملىشىدىغان شەھەرلەردىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرى شۇنداقلا بالىلار پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزەش ئومۇمىي كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان مېھمانساراي، مال سېتىۋېلىش، كۆرگەزمە، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان شەھەرلەردىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرى شۇنداقلا بالىلار كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، بالىلار باغچىلىرى، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى، بالىلارنى بالدۇر تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش سىنىپلىرى قاتارلىق ئۆي ئىچى پائالىيەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.