تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2017 – يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قاتتىق باھالاش، قەتئىي ياخشى قىلىشنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور، ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، نامرات ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە مىسلىسىز بولدى، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتتى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئىنتايىن كەسكىن، ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نىشان، ئۆلچەمنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹ئىككىدە غەمدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرگە يېقىنلىشىش››نى چىڭ ئىگىلەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى ئۆرلىتىپ نەپسىنى يوغىناتماسلىق كېرەك؛ ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، 2020 – يىلى ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تولۇق چۆرۈپ تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ بىرىنچى قول مەسئۇل بىۋاسىتە تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنتكە، ئائىلىگە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرى بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، 2020 – يىلى نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋالغان، بۇزۇپ – چېچىپ ئىسراپ قىلغان، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە، نامرات ئاممىغا قولىنى سوزغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك؛ خىزمەتكە كۈچىمىگەن، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ساختىپەزلىك، شەكىلۋازلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. چېكىنىش ئۆلچىمى، چېكىنىش تەرتىپى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭىتىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ قەغەز يۈزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ، شەكىلۋازلىق قىلىپ ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشنىڭ، سۇبيېكتىپ ئارزۇسىغا ئاساسەن مۇددەتتىن بۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىنىشى، جەريانىنىڭ پۇختا، نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 1 – يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان پەيتتە ئېچىلغان ناھايىتى مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نامايان قىلىندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇھىم سۆزدە ئىسلاھاتنى توختاتماي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كۈچلۈك سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ھەرقايسى ساھەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى››نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى يىرىك پىلانى(2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)>نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتى يىرىك پىلانى(2017 – يىلىدىن 2021 – يىلىغىچە)›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.