تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

تالانتلىق بالىلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

ماتېرىيال سۈرەت

    كىشىلەر ئالاھىدە ئەقىللىق، ئەقلىي قابىلىيىتى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان بالىلارنى «تالانتلىق بالىلار» دەپ ئاتايدۇ. چەت ئەلدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى تالانتلىق بالىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى تىزىپ چىققان:

    بىرىنچى، زېھنىي كۈچى ئالاھىدە ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ مەلۇم ئويۇن ئۇنى ئالاھىدە قىزىقتۇرىدۇ.

    ئىككىنچى، قىزىقىشى ئالاھىدە كۈچلۈك، ئۇچراتقان ھەرقانداق ئىشنى سوراپلا تۇرىدۇ.

    ئۈچىنچى، ئىش قىلغاندا ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ قىلىدۇ.

    تۆتىنچى، كۆزىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى، شېغىل تاش، بوتۇلكا ئاغزى قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغىشقا ئامراق ھەم يىغقان نەرسىلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىيالايدۇ ھەمدە پەرقى ۋە ئوخشىماسلىقىنى سېلىشتۇرالايدۇ.

    ئالتىنچى، سۆزلەشكەندە قىلغان بارلىق گەپ-سۆزلىرى جايىدا، سۆز-جۈملىلىرىنىڭ قوراشتۇرۇلۇشىمۇ بىرقەدەر ياخشى.

    يەتتىنچى، يېزىقلىق ئويۇنچۇقلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن: مەنىداش سۆزلەرنى، قارىمۇقارشى سۆزلەرنى تېپىش قاتارلىقلار، شۇنداقلا ئاڭلىغان ھېكايىلىرى ياكى سەرگۈزەشتىلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    سەككىزىنچى، كىتاب ئوقۇشنى ياقتۇرىدۇ.

    توققۇزىنچى، تەسەۋۋۇر كۈچى مول.

    ئونىنچى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بالدۇر يېتىلگەن، باشقىلارنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، قانداق قايتۇرما زەربە بېرىشنى بىلىدۇ.

    ئون بىرىنچى، ياش جەھەتتە ئۆزىدىن چوڭ بالىلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۆزى يالغۇز ئويناشنى ياكى يېڭى ئويۇنچۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ياقتۇرىدۇ.

    ئون ئىككىنچى، كىچىكىدىنلا سانلارنى ساناشنى بىلىدۇ، سائەت، كالېندار قاتارلىق سان بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىقى بىرىنچى، ئىككىنچى خىل ئالاھىدىلىكنىڭ بولىدىغانلىقىنى، تالانتلىق بالىلاردا بولسا ھەممە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ تاسادىپىيلا پەيدا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

«بالىلار  ساغلاملىق دەستۇرى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى