تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتنىدى

  مۇخبىرىمىز شيا چىڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى- كورلا- چاقىلىق ئارىسىدا قاتنايدىغان CZ6679 نومۇرلۇق «بوئېئىڭ 737» تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 17دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە كىروران ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بۇ، شىنجاڭدىكى 20- ئايرودۇرۇم ــــ چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۈرۈمچى- كورلا- چاقىلىق لىنىيەسىدە ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئايروپىلان قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى 80/CZ6679 بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن سائەت 15:00تە ئۇچۇپ، سائەت 16:00دە كورلىغا قونىدۇ، كورلىدىن سائەت 16:50تە ئۇچۇپ، سائەت 17:40تا چاقىلىققا قونىدۇ؛ چاقىلىقتىن سائەت 18:30دا ئۇچۇپ، سائەت 19:20دە كورلىغا قونىدۇ، سائەت 20:10دا كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:05تە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ. بۇ ئايروپىلان 97 كىشىلىك بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشى بۆلمىسىدە ئالتە ئورۇن، مەرۋايىت دەرىجىلىك ئەرزان باھالىق بۆلمىدە 15 ئورۇن، ئەرزان باھالىق بۆلمىدە 76 ئورۇن بار.

  چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتناشتىن ئىلگىرى، چاقىلىق ناھىيەسىدە تاشيول قاتنىشىلا بار بولۇپ، سىرتقا چىقىشتا ئاساسلىقى دۆلەت يولى 315- لىنىيەسى بىلەن دۆلەت يولى 218- لىنىيەسىگە تايىناتتى، تاشيولنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولغاچقا، سىرت بىلەن بولغان ئالاقە ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتنىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن چاقىلىققا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئاپتوموبىلدا ماڭغاندىكى 12 سائەتتىن 160 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ. بۇ، يولۇچىلارنى قولايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسىدە سودا- ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھىرى بەرپا قىلىپ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  شۇ كۈنى قۇرۇلۇش لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دەي چېن بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم چاقىلىققا بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئايروپىلاندا كورلىغا بېرىپ، ئاندىن كورلىدىن ئاپتوموبىلدا چاقىلىققا باراتتىم، يولغىلا ئون نەچچە سائەت ۋاقىت كېتەتتى، يېڭى ئايرودۇرۇم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چاقىلىققا ئىككى سائەتتىلا بارالايدىغان بولدۇم، ۋاقىت تېجىلىپلا قالماي، سەپەر ھارغىنلىقىمۇ يەڭگىللەپ، كۆپ قولايلاشتى.

  چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزىگە 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 161.28 گېكتار بولۇپ، دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان كىچىك تىپتىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىقى چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ جامائەت ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، قوشۇمچە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. 2017- يىلى 4- ئايدا چاقىلىق ئايرودۇرۇمىغا «چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى» دەپ نام بېرىلدى. چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى يىلىغا 120 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى، 480 توننا يۈك توشۇش، 1558 قېتىم ئۇچۇش- قونۇش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ.

  چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ شۆبىن مۇنداق دېدى: چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى چاقىلىقنىڭ سىرتقا تۇتاشقان ھاۋا بوشلۇقى كارىدورىنى ھاسىل قىلدى، بۇ، چاقىلىق ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش، مەدەنىيەت، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئاممىنىڭ سەپىرىگە قولايلىق يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ چاقىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى