تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

(2016–يىل 12–ئاينىڭ 25–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
60 – نومۇرلۇق

   ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
           
            2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

             مۇندەرىجە

1– باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش
3 – باب  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىش
4 – باب  كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى
5 – باب  قانۇن جاۋابكارلىقى
6 – باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ


1 – باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

   1 – ماددا  بۇ قانۇن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
   2- ماددا  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى دېگىنىمىز، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ تەمىنلەنگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.
   3– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشتا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنى بويىچە، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك.
   4 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پاراۋانلىق خاراكتېرىدە بولۇش، باراۋەر بولۇش ۋە قولايلىق بولۇش تەلىپى بويىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
   5– ماددا  گوۋۇيۈەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە قاراپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، مالىيە ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ ھەمدە تەڭشەيدۇ.
   6 – ماددا  گوۋۇيۈەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشتەك كونكرېت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
   7– ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ مەدەنىيەت مەسئۇل تارمىقى ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت – ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
   8– ماددا  دۆلەت كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يار – يۆلەك بولىدۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭ، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   9 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە كۆچمە ئاھالە قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
   10 – ماددا  دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن ئىجتىمائىي تەربىيەنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ۋە پەن مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
   11 – ماددا  دۆلەت پەن – تېخنىكىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   12 – ماددا  دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   13– ماددا  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.


2 – باب  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

   14– ماددا  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى دېگىنىمىز، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىمارەت، مەيدان ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى كۇتۇپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى) گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن – تېخنىكا سارىيى، خاتىرە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدان – سارىيى، ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر سارىيى، ئاياللار – بالىلار پائالىيەت مەركىزى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، يېزا – بازار (كوچا) ۋە كەنت (مەھەللىلەردىكى ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى) مەركىزى، دېھقانلار (ئىشچى – خىزمەتچىلەر) ئوقۇش ئۆيى، ئاممىۋى گېزىت تاختىسى (ئېكرانى)، رادىيو – تېلېۋىزىيە تارقىتىش، يەتكۈزۈش، قاپلاش ئەسلىھەسى، ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى نۇقتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى مۇندەرىجىسى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

   15 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى شۇ دەرىجىلىك شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىگە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە، نوپۇس ئەھۋالىغا، مۇھىت شارائىتىغا ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ تۈرى، سانى، كۆلىمى شۇنىڭدەك جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەيدان – ساراي مۇلازىمىتى، كۆچمە مۇلازىمەت ۋە رەقەملىك مۇلازىمەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى تورى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىگە ئورۇن تاللاشتا، ئاممىدى پىكىر ئېلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىش قىلىش كېرەك.
   16– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش يېرىنى قايتا بېكىتىش كېرەك. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى كۆلىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.
ئاھالە تۇرالغۇ رايونىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشتە، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەم بويىچە، يانداش ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى پىلانلاش ۋە ياساش كېرەك.
   17– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇشتا، ئەسقاتىدىغان، بىخەتەر، ئىلمىي، كۆركەم، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇش، تېجەشلىك بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش ھەمدە توسالغۇسىز ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش كېرەك.
   18– ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھازىر بار بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش، بىرلىشىپ ياساش، ئىجارە بېرىش، ئېلىش، پايدىلىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، يېزا – بازار (كوچا) كەنت (مەھەللە) ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالاقىدار ئاممىۋى ئەسلىھەسىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولسا ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرسە بولىدۇ.
   19-ماددا  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشىگە، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز سودا تىجارىتىگە سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا سېلىش، ئۆزگەرتىش ھەمدە ئاۋۋال ياساش، ئاندىن چۇۋۇش ياكى تەڭ ياساش ۋە چۇۋۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قايتا ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ سەپلىنىش ئۆلچىمى ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
   20– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە، زۆرۈر مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ ۋە يېڭىلاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى دائىملىق ئاسراش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى نورمال ئىشلىتىشكە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
   21– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت قائىدىسىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە مۈلكىنى ئىستاتىستىكىلاپ دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى يىللىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
   22– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈسكۈنىسى ۋە خادىمىنى قانۇن بويىچە سەپلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
   23 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى قاتناشقان، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، خىزمەتلىرىنى ياخشىلىشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
   24– ماددا  دۆلەت ئاممىۋى كۇتۇپخانىسى، مۇزېي، مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، كەسپىي خادىملار ۋە ئاممىۋىنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
   25– ماددا  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ياسىشىغا، ئىئانە قىلىپ ياسىشىغا ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ياسىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى تىجارەتكە سېلىش ۋە باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
   26– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئاممىۋى ئىشلىتىشتە ئاممىۋى تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئاممىۋى ئەسلىھەسىنى ئاسرىشى، ئاممىۋى ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى ۋە بۇيۇمىنى بۇزۇۋەتمەسلىكى كېرەك.


3 – باب  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىش

   27 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ھازىرلاش ۋە تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، ئومۇمىي خەلققە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق چېنىقىش، ئومۇمىي خەلققە پەننى ۋە سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ.
   28– ماددا  رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى يېتەكچى ئۆلچىمىگە ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسىنى چىقىرىشى ھەمدە يولغا قويۇشى كېرەك.
   29– ماددا  پاراۋانلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شارائىت يارىتىپ، ئاممىۋىكە ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، كۆرگەزمە قىلىپ، كىنو قويۇپ، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىپ، كۆرسىتىپ، كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتى قىلىپ، سەنئەت جەھەتتە تەربىيەلەپ، ئاممىۋىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
   دۆلەت تىجارەتلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەقسىز ياكى ئېتىبارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ھازىرلىشىغا ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
   30 – ماددا  ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركەزلىرى بايلىق بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورلىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تۇتاش مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋىكە كىتاب – ژۇرنال ئوقۇش، كىنو – تېلېۋىزىيە كۆرۈش، ئەلنەغمە ئورۇنلاش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، رادىيو ئاڭلىتىش، ئالاقە تورىغا چىقىش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باشقا ئاممىۋى مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
   31 – ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاممىۋىكە ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىۋېتىش كېرەك.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ھەقلىق ئېچىۋېتىدىغانلار، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر ئايدا قەرەللىك ھالدا ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئېچىۋېتىش ياكى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىقلارغا ھەق ئالىدىغانلار، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ ئالىدىغان ھەقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە كەسپىي تەرەققىياتقا ئىشلىتىش كېرەك، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇلازىمەت تۈرى ۋە ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئېچىۋېتىشنى توختىتىپ تۇرىدىغانلار ۋاقتىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك.
   32– ماددا  دۆلەت ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئەسلىھەسىنى ئاممىۋىكە ئېچىۋېتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   33 – ماددا  دۆلەت ئاممىۋىنىڭ رەقەملىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆلچەم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئالاقە راۋانلاشتۇرۇلغان ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋىنىڭ مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تور مۇلازىمىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
دۆلەت رەقەملىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا، كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورى، كۆچمە ئالاقە تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تورىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش تور مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
   34– ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ كۆچمە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
   35 – ماددا  دۆلەت يېزىلاردا كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، ئەلنەغمە، كىنو، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، تور ئۇچۇرى مەزمۇنى، بايراملىق پائالىيەتلەر، تەنتەربىيە چېنىقىش پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى نۇقتىلىق كۆپەيتىپ، شەھەر – يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈلگەن كىتاب، گېزىت – ژۇرنال، كىنو قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
   36 – ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئادەملەر كۆپرەك كىرىپ – چىقىدىغان ئاممىۋى سورۇنلىرى، ئىشلەمچىلەر كۆپرەك يىغىلىدىغان رايونلار شۇنىڭدەك ئۆيدە قېپقالغان ئاياللار، بالىلار كۆپرەك بولغان يېزىلارغا زۆرۈر ئەسلىھەنى ياسىشى، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، قولايلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
   37 – ماددا  دۆلەت پۇقرالارنىڭ دېموكراتىك ئاساستا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، ساغلام، مەدەنىي ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېگىشلىك دەرىجىدە يېتەكچىلىك قىلىشى، قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

   دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشى كېرەك.
   38 – ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قوللاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
   39– ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ھەربىي گازارمىنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى بېيىتىپ، ئارمىيە مەدەنىيىتى بىلەن خەلق مەدەنىيىتىنىڭ بىرىكىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
   40 – ماددا  دۆلەت مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاشنى، مۇنەۋۋەر ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى مىللەتلەر تىل – يېزىقلىرىغا تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا تارقىتىشنى كۈچەيتىدۇ، مىللەتلەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىدۇ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ.
   41– ماددا  گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش يېتەكچى پىكرى ۋە مۇندەرىجىسىنى تۈزىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېتەكچى پىكىر ۋە مۇندەرىجىگە ئاساسەن، ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سېتىۋېلىنىدىغان تۈر ۋە مەزمۇنلارنى بېكىتىپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
   42– ماددا  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىي گەۋدىلەرنى قۇرۇش، تۈرلەرگە ماددىي ياردەم بېرىش، پائالىيەتلەرگە ياردەم بېرىش، ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەش، مەھسۇلات ئىئانە – ھەدىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   43– ماددا  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەدەنىيەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.
ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مەدەنىيەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەدەنىيەت پىدائىيلار پائالىيەتلىرىگە تېگىشلىك دەرىجىدە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوللىشى ھەمدە باشقۇرۇش، باھالاش، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
   44 – ماددا  ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ۋە قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4 – باب  كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى

   45 – ماددا  گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىكى ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك مەبلەغنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
   46 – ماددا  گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشى كېرەك.
دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   47– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىۋەتكەنلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
   48– ماددا  دۆلەت ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قانۇن بويىچە سېلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنىڭ مەنبە يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.
   49– ماددا  دۆلەت مۇلازىمەتنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ.
   50 – ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى ئارقىلىق ئىئانە – ھەدىيە قىلغان پۇل – مالنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلەتكەنلىرى باج ئېتىبارىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
دۆلەت ئىئانە قىلىش، ھەدىيە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى فوندى تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە مەخسۇس ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.
   51– ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى، ۋەزىپىسى، مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە كۆلىمى بويىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىش ئورنىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، مۇناسىپ كەسپىي خادىم سەپلىشى كېرەك.
   52– ماددا  دۆلەت مەدەنىيەت كەسپىي خادىملىرى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە پىدائىيلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   53– ماددا  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە قۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، كەسىپلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
   54 – ماددا  دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، كۆپ قاتلاملىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.
   55 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىپ ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نەتىجىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.
   56 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى سۈرۈشتۈرۈش – ئىنكاس قايتۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئاممىۋى قاتناشقان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى ياردەم پۇل بېرىش ياكى مۇكاپاتلاشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.
   57 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى پائال تەشۋىق قىلىشى، خەۋەر قىلىشى ھەمدە ئاممىۋى پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

5 – باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

   58– ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
   59– ماددا  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:
   (1) ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار؛
   (2) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئىقتىدارىنى، ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە ياكى نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛
   (3) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى قايتا ياساشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
   (4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار.
   60 – ماددا  مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىگە ئىشلىتىدىغان قۇرۇلۇش يېرىنى ئىگىلىۋالغان ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەسئۇل تارمىقى، شەھەر – يېزا پىلانلاش مەسئۇل تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى قارار چىقارغان ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.
   61– ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:
   (1) ئاممىۋىكە ئېچىۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
   (2) مۇلازىمەت تۈرلىرى، ئېچىۋېتىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلمىغانلار؛
   (3) بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتمىغانلار؛
   (4) ياخشى باشقۇرماي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
   62 – ماددا  ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى مەسئۇل تارماق ياكى باھا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:
   (1) ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مۇلازىمەت پائالىيىتى قىلغانلار؛
   (2) ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىگە ھەق ئالغان ياكى باشقىچە يول بىلەن ھەق ئالغانلار؛
   (3) ئېلىنغان ھەقنى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ئاسراشقا، باشقۇرۇشقا ۋە كەسپىي تەرەققىياتقا ئىشلەتمەي، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغانلار.
   63– ماددا  مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 6– باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

   64 – ماددا  چېگرا سىرتىدىكى تەبىئىي ئىگىلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئىش قىلىشى كېرەك.
   65– ماددا  بۇ قانۇن 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى