تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يېڭى يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى

ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار


«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يېڭى يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى


   مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شەرقىي جۇڭغار- جەنۇبىي ئەنخۇي 1100 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ 1- بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى خادىملىرى ئۈسكۈنە ئارقىلىق سىم تارتىۋاتاتتى، 1200 كىۋادرات مىللىمېتىرلىق ئەڭ ئاخىرقى ئىككى تال ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق سىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق N0008 نومۇرلۇق ۋە N0009 نومۇرلۇق تۆمۈر مۇنارغا تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن، دۇنيادىكى تۇنجى 1100 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى تولۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

   ئېگىزلىكى 101 مېتىر ۋە 103 مېتىر كېلىدىغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىككى تۆمۈر مۇنارنىڭ ئارىلىقى 283 مېتىر بولۇپ، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى 750 كىلوۋولتلۇق چىغكۆل- چىپارتاغ II،I ئايلانما لىنىيەسىنى ھالقىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھاۋادىكى «ئېلېكتىر ئاسما كۆۋرۈكى»نى شەكىللەندۈرگەنىدى.

   دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يا مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇ يىل 6- ئايدا تولۇق تاماملىنىدۇ. پۈتۈن لىنىيە قۇرۇلۇشى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىمنى قۇرۇلما قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى بەرپا قىلىشىغا تىرەك بولىدۇ، شۇنداقلا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»كە يەنە بىر ھاۋا يولى ھازىرلايدۇ. بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىرى، شامال ئېلېكتىرى، فوتوۋولتلۇق ئېلېكتىرىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   شەرقىي جۇڭغار- ئەنخۇي 1100 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھازىر دۇنيادىكى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 407 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3324 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈشى مۆلچەرلەندى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە 2016- يىلى 5- ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، جىمىسار ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە قومۇل شەھىرىدىن ئىبارەت تۆت ناھىيە(شەھەر)دىن ئۆتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 598.684 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 1109 ئاساسىي تۆمۈر مۇنار بار.

   شىنجاڭ بۆلىكىدىكى لىنىيە قۇملۇق، چۆللۈك، تاغلىقنى ئاساس قىلىدۇ، مۇرەككەپ يەر شەكلى%45 تىن ئاشىدۇ، كىلىمات مۇھىتى ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىت شارائىتى ناچار بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش قىلىش ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىشقا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

   دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش مەركىزى مۈلۈك ئىگىسى تۈر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى شۈ يۈبو مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش لىنىيەسى دۆلەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورمانلىقىدىن ئۆتسە، ئاجىز يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بىز قۇرۇلۇشنى ئاستىراق قىلساقمۇ، ئۇنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئازايتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە مەشغۇلات دائىرىمىزنى دەل جايىدا بەلگىلەپ، چاڭ- توزاندىن ساقلىنىش تورى ياپتۇق، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، تېرىلغان ئوت- چۆپلەرنى كاتەكچىلەپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتتۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى