تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

كىرىستيانو رونالدو ياراتقان بۇزۇش تەس رېكورتلار

  شىنلاڭ تورى خەۋىرى: كۇلۇب ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن، كىرىستيانو رونالدو ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك رېكورت بۇزماقتا. كەسپىي پۇتبولچىلار 33 ياشقا كىرگەندە ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ ھەمدە كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ئىشلىرىنى ئويلىشىدۇ، ئەكسىنچە كىرىستيانو رونالدو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىپادىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرماقتا.

  پورتۇگالىيەلىك بۇ داڭلىق چولپان نۇرغۇن رېكورت يارىتىپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ ياراتقان بەزى رېكورتلارنى كەلگۈسىدىكى پۇتبول چولپانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بۇزالمايدۇ. تۆۋەندىكىسى كىرىستيانو رونالدو ياراتقان بۇزۇش تەس بولغان تۆت تۈرلۈك رېكورت:

  بىرىنچى تۈر: كىرىستيانو رونالدو ئىككى كۇلۇبتا شەخسى ۋە كوللېكتىپ شان-شەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن

  كىرىستيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە خانلىق مادرىد كوماندىسىدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ئالتۇن كەش مۇكاپاتى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە لوڭقىسى، دۆلەت ئىچى بىرلەشمە مۇسابىقىسى، دۆلەت ئىچى چېمپىيونلۇق لوڭقا مۇسابىقىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونلۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  بۇ رېكورتقا ئەڭ يېقىنلاشقىنى فرانسىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى زىدانې، ئۇ يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىدا شەخس ۋە كوماندا ئېرىشىدىغان شان-شەرەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىشكەن، لېكىن ھەممىسىگە ئەمەس.

  بارلىق پۇتبول چولپانلىرىنى ئويلاشقاندا بۇ زور نەتىجىلەرگە كىرىستيانو رونالدودىن باشقا ھېچكىم ئېرىشەلمىگەن، بۇ مۇنداق بىر سوئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: كەلگۈسىدە مۇشۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىدىغان ماھىر چىقامدۇ، يوق؟ بىر كۇلۇبتا بۇنچە زور نەتىجىگە ئېرىشىش بەسى مۈشكۈل.

  كەلگۈسىدە ھېچقانداق بىر پۇتبول ماھىرى پورتۇگالىيەلىك بۇ ماھىر ياراتقان كىشىلەرنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇرغان رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىيالمايدۇ، بۇ، ئىنتايىن تەس شۇنداقلا كىرىستيانو رونالدو ياراتقان بۇزۇش ئەڭ تەس بولغان رېكورت.

  ئىككىنچى تۈر: ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 286 مەيدان مۇسابىقىدە 300 توپ كىرگۈزگەن

  كىرىستيانو رونالدو 2009-يىلى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كەلگەندىن بۇيان تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغان.

  خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇ داڭلىق چولپىنى ئىسپانىيەدە قاتناشقان 286-مەيدان مۇسابىقىسىدە 300-توپىنى كىرگۈزۈپلا قالماي، 300 توپنى ئەڭ تېز كىرگۈزگەن ماھىرغا ئايلانغان.

  كىرىستيانو رونالدونىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە 100 توپ ۋە 200 توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ رېكورت كىشىلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

  كىرىستيانو رونالدو ھازىر ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 288 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 307 توپ كىرگۈزگەن، ئۇ بۇ رېكورتنى داۋاملىق يېڭىلايدۇ.

  ئۈچىنچى تۈر: ئۇدا ئالتە مۇسابىقە پەسىلىدە 50 تىن توپ كىرگۈزگەن

  300 توپنى ئەڭ تېز كىرگۈزگەن ماھىر ئۈچۈن توپ كىرگۈزۈش بىردىنبىر نامايەندە ئەمەس. ئۇ ئۇدا ئالتە مۇسابىقە پەسىلىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە 50 تىن توپ كىرگۈزۈپ كىشىلەرنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغان.

  بىر مۇسابىقە پەسىلىدە 50 توپ كىرگۈزۈش ناھايىتى قالتىس ئىش، لېكىن ئۇدا ئالتە مۇسابىقە پەسىلىلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا 50 توپتىن كىرگۈزۈش بەسى مۈشكۈل، شۇڭلاشقا بۇ، بۇزۇش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان رېكورت ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ ئالتە مۇسابىقە پەسىلى: 2010-2011-مۇسابىقە پەسىلى؛ 2011-2012-مۇسابىقە پەسىلى؛ 2012-2013- مۇسابىقە پەسىلى؛ 2013-2014- مۇسابىقە پەسىلى؛ 2014-2015- مۇسابىقە پەسىلى؛ 2015-2016- مۇسابىقە پەسىلى.

  تۆتىنچى تۈر: ئۇدا يەتتە مۇسابىقە پەسىلىلىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 10 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن

  ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى كىرىستيانو رونالدونىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىسى، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كۇلۇبلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى رېكورتلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، كىرىستيانو رونالدو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىدا يەنىلا 1-ئورۇندا. شۇنداق جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، كىرىستيانو رونالدو بۇ رېكورتىنى يەنە يېڭىلايدۇ، بۇ رېكورتنى بۇزۇش تېخىمۇ تەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى