تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ 450 يۈەندىن 500 يۈەنگە، يېزىلارنىڭ 280 يۈەندىن 350 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋۇ تىڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: غەمخورلۇق قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2018-يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى 10 چوڭ ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا دىققەت يەنە بىر قېتىم قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتىلدى، شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالەت سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 16 مىڭ 300 كىشى، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 4393 كىشى بولۇپ، 2010-يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۇدا توققۇز يىلدا 11 قېتىم ئۆستۈرگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى خىزمىتىگە ئېتىبار بېرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى مۇكەممەللىشىشكە يۈزلەندى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سوممىسى ئالغاندىن سىرت، داۋالىنىش، مائارىپ، ئىسسىنىش، ۋاقىتلىق ياردەم، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى قاتارلىق ياردەم سىياسەتلىرىدىن بەھرىلىنەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە تۈرگە ئايرىپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش (شەھەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىدىن 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، 1-، 2-دەرىجىلىك ئېغىر مېيىپلەر، قورامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر كېسەل بىمارلىرىغا تولۇق سوممىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىش ئاساسىدا، يەنە 35 يۈەندىن 87 يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان سوممىدا تۈرگە ئايرىپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ)، شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بىر يولغا چۈشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كاپالەت سالمىقىنى ئاشۇرغان.

  ۋۇ تىڭ مۇنداق دېدى: تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بەش بىر تۈركۈم ئىچىدىكى بىر تۈركۈمنى تەلتۆكۈس كاپالەتلەندۈرۈش»، «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بۇ تەدبىر ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بارلار جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى