ماتېرىيالى: سامساقتىن 600 گىرام، تۈكلۈك قاقىلە (豆蔻) دىن 30 گىرام، قېرىندىن بىر دانە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن سامساق، تۈكلۈك قاقىلەنى ئۇششاق ئۇۋۇتۇپ قېرىنغا سېلىپ، ئېغىزىنى مەھكەم تىكىپ سۇدا دۈملەپ پىشۇرۇپ، شورپىسى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
رولى: سامساق چوڭ ئۈچەي باكتېرىيەسى، تولغاق باكتېرىيەسى ۋە تۈرلۈك كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. تۈكلۈك قاقىلە خىلتلارنى تەڭشەش، ئاشقازاننى مۆتىدىللەشتۈرۈش، تالنى ياشارتىش، ئىشپازمىنى بوشىتىش، ئاغرىق توختىتىش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ياندۇرۇش، سوغۇق يەل قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قېرىن زەئىپلىكىنى تۈگىتىپ، تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان تومۇرلار راۋان بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سامساق، قېرىننى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە جىگەر قېتىشقا مۇئەييەن دەرىجىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.
«تۇرمۇشقا ئەسقاتىدىغان 1000 رېتسېپ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى