تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون 2017 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

  چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاتناشتى، لى پېڭشىن تەقدىرلەش قارارىنى ئېلان قىلدى

    ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر، مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇن ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەرمەكتە.  مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 –، 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى 2017 – يىللىق ئىلغار خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنى تەقدىرلەش قارارىنى ئېلان قىلدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇن ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق بارلىق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئەۋەتكۈچى ئورۇنلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خادىملارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، جەمئىيەتتىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قوللاۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەرقايسى ساھەلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئومۇمىيەتكە، يىراق كەلگۈسىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىگە ئاساسەن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاشۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى، كەنتتە تۇرۇۋاتقان بارلىق كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە ۋە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا كۆۋرۈك سېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، چېنىقتۇرۇشقا سۇپا ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى مۇساپە ئېچىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، ‹‹بىر ئاساسىي لىنىيە››نى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شانلىق ئىدىيەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئىككىنچى، دىققەتنى ‹‹بىر باش نىشان››غا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئۆلچەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە››نى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، دىققەتنى مۇقىملىقنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە مۇقىملاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككىدە غەم قىلمايدىغان قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىردە يېقىنلىشىش››نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلاتماي، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، نامراتلارنى يۆلەش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالىدىغان ئىشلارغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىغىچە بولدى قىلماي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، دىققەتنى ئاممىۋى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ ۋە تەربىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، دىققەتنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ، تارقاق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى بەنزىسىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، دىققەتنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. ياخشى تەشۋىقاتچى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قايسى جەھەتتىن نەپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك؛ ياخشى نازارەتچى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ھەممە يەرنى تولۇق قاپلىشىغا، كەم – كوتسىز ئەمەلىيلىشىشىگە، شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، دىققەتنى بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىشلەش، سودا قىلىش، ھۆكۈمەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى سېتىۋېلىش ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىش ئورۇنلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش؛ ماھارەت تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئەمەلىي تېخنىكا ياكى بېيىش ماھارىتىنى ئىگىلەش، ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئاممىغا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئېڭى، بازار قارىشىنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. يەتتىنچىدىن، دىققەتنى ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ھەم پائال، ياراملىق بولۇش، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەمگۇزارى بولۇش كېرەك. قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن تەلەپلەرنى ھەرگىز ئوتتۇرىغا قويماسلىق، رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئىشلارنى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك. سەككىزىنچىدىن، دىققەتنى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق كۈچەش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى چىڭىتىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەر بىر مەمۇرىي كەنتتە ھەر يىلى مۇئەييەن ساندا يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى، ئادەم كۈچى، مەبلەغ سېلىنمىسى، خىزمەت ئۈنۈمىدىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى››، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلار ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەش – يېتەكلەش، ھەيدەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئەۋەتكۈچى ئورۇنلار كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئۆز ئورنىنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ باھالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئورۇنلار ئارقا تىرەك بولۇش، بىرىنچى قول باشلىق مەسئۇل بولۇش››تا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى شۇ جايدىكى ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتىغا زىچ تايىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، تۇرمۇش ئىنتىزامى، مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تەكشۈرۈش – باھالاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. كاپالەتنى كۈچەيتىشتە، خىراجەت كاپالىتى، تۈر كاپالىتى، تۇرمۇش كاپالىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاش كېرەك. يۆنىلىشنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش، كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، كادىرلارنى بايقاش، كادىرلارنى تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇنى ھەممە ئادەم قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترەتلىرى ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى؛ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرنى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ‹‹بىر ئاساسىي لىنىيە››، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە››نى چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى؛ خىزمەت قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى سىياسەت، بىلىملەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئاممىدىن كۆپرەك تەلىم ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىغا پىششىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇپ، ۋاقتى ۋە زېھنىنى خىزمەتكە قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى، كۈچلۈك تەشكىلات قۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئەۋەتكۈچى ئورۇنلار قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى ياخشى قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچ ئۇلاپ دائىملاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ ۋەكىللىرى، تەقدىرلەنگەن 2017 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە 2018 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئەۋەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەننىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ، 2018 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ ۋەكىللىرى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ۋە تەشكىللىگۈچى ئورۇن ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.