تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كىشىلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ، كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

  ‹‹مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ››. باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە: بىز تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى، ئۇيۇشقاقلىقى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ روناق تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز. نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشىلەرنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھازىرقى جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى جىن يىشىڭ مۇنداق دېدى: مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر بولغان، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرگەن مۇھىم مەنبە. بىزنىڭ بالىلارغا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش كۇرسى ئېچىشىمىز جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مائارىپقا، تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، روھنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۆسمۈرلەر تەربىيەسىدە نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. كۇتۇپخانىمىزدا 2012 – يىلى 1 – ئايدىن باشلاپ بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش كۇرسى ئېچىلىپ، 1000 سائەتكە يېقىن دەرس ئۆتۈلۈپ، مەخسۇس تېمىدا 110 مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلدى، قاتناشقانلار 50 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، كۇتۇپخانىمىز ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مۇنبىرى، تىيانشاندىكى مەرۋايىت ــــ شىنجاڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىنى، تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش ــــ ھېكايە ئېيتىش يىغىنى، مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى قويۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ياراتقان ئېسىل مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈردى ۋە تەربىيەلىدى.

  جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىجاد قىلىپ توپلىغان ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. جۇڭگو ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما شيۇڭفۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەل ئىچى سەنئەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمىز، تىرىشىپ يېتىلدۈرىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىمىز، ماركسىزمنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەيمىز، ئېغىرلىق مەركىزى تۆۋەنگە، ئاساسىي قاتلامغا قارىتىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەل ئىچى سەنئىتىنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىيلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەل ئىچى سەنئەتچىلىرىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئەڭ كەڭ دائىرىدە، ئەڭ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمىز.

  جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈرى ــــ ‹‹جۇڭگو خەلق ئەدەبىياتى چوڭ سىستېمىسى››نى نەشر قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى ئالاھىدە ھاۋالە تۈرى ــــ ‹‹جۇڭگو ئەل ئىچى ھۈنەر – سەنئەت توپلىمى›› قاتارلىق زور تېمىلارنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئەل ئىچىدىكى قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ــــ ‹‹جۇڭگو قەغەز قىيمىچىلىقى توپلىمى شىنجاڭ تومى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتى 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ تۈرلەرنى تاماملاشنى قارار قىلدى، ‹‹جۇڭگو قەغەز قىيمىچىلىقى توپلىمى شىنجاڭ تومى››نى تەھرىرلەش لايىھەسى، توپلاش، تەھرىرلەش تەرتىپى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشكەن مەسئۇل مۇھەررىرلەر گۇرۇپپىسى قۇردى.

  ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دەۋرنى نۇرلاندۇرىمىز

  جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە قارىشى، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دەۋر تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭگو ھۈنەر – سەنئەت ئۇستىسى شەن شيۇمېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئېلىمىزدىكى ئۈچ پارچە ئۇلۇغ قەھرىمانلىق داستانى ‹‹گېسار شاھ››، ‹‹ماناس››، ‹‹جاڭغىر››نى تىلغا ئالدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا ئېسىل مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داستانلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن، بىز ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ ئىجادچانلىقى ئارقىلىق كىلاسسىك داستانلاردىكى شەخسلەرنى ۋە ئۆرپ – ئادەتلەرنى قايتا نامايان قىلىمىز.

  شەن شيۇمېي مۇنداق دېدى: يېقىندا ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى باشلاپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ماتېرىيال توپلاپ، لاتا قونچاق ھۈنىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا لاتا قونچاق تىكىش ھۈنىرىنى قالدۇرماي ئۆگەتتىم. ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇلغاندىلا، مەڭگۈ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، ‹‹جانلىق ۋارىسلىق قىلىش›› كېيىنكىلەردە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىجادچانلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىغا تايىنىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى دۇ خۇڭفاڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىم بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىجادچانلىق روھىغا باي خەلق، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىدە، دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرلار مەيدانغا كەلدى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۇلۇغ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى يارىتىلدى، نۇرغۇن ئۇلۇغ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىندى. بىز بۇ خىل روھقا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشىمىز كېرەك. مەكتەپتە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش دەرسى ۋە كەشتىچلىك، چامباشلىق، خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم، جىڭجۈي تىياتىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسلىكى تەسىس قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا يالغۇز شېئىر، بېيىت، ناخشا ۋە نەزمە، دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرىدىن باشقا، يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەجدادلاردىن داۋاملىشىپ كەلگەن نۇرغۇن جۇڭگو ئەل ئىچى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلدۇق.

  ئاممىنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيمىز

  سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكى بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ‹‹قىزىل ئەدەبىيات – سەنئەت چەۋەنداز››لىرىدىن بولۇپ، نادىر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ كۆپ مەنبە بىر گەۋدە قىلىنغان جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سەنئەت ئىجادىيىتىگە داۋاملىق سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سەنئىتى كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى نەپىس ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىغا تەقدىم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىغان جىگدە يېزىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى ليۇ شاۋمىڭ مۇنداق دېدى: بىز باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش جەھەتتە پايدىلىق ئىزدەندۇق ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۇق، يېزا ئەدەبىيات – سەنئەت قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردۇق، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يېزا – كەنتلەردە يېڭى كەيپىيات ياراتتۇق. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ھەر يىلى ھەر بىر يېزىغا 50 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ، ئۇنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ھەم مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلەتتى. ناھىيە مالىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن، كەنتلەردە پۇقرالار مەدەنىيەت سەھنىسى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلدى، ھەممە كەنتتە مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى بار بولدى. ليۇ شاۋمىڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەزمەن مەدەنىيەتنىڭ نوقۇل ھالدىكى سىڭدۈرۈش ئاساس قىلىنغان تارقىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە پىروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ قاتناشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  (جاڭ خەيفېڭ، مايگۈل ھېيتقازى، لى لى، ليۇ جىڭ، جاڭ تىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى