تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەر بىر ئادەم يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچى

  ـــ شى جىنپىڭنىڭ 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(6)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  يېڭى دەۋردىكى تۈمەنمىڭ ئۆزگىرىشلەر ئارزۇلارنى ئويغاتماقتا؛ يېڭى دەۋردىكى كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە جۇشقۇنلۇق كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتماقتا.

  ‹‹يېڭى دەۋر ھەر بىر ئادەمگە مەنسۇپ، ھەربىر ئادەم يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى. سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ!››. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللىي روھنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن مەدھىيەلەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە چاقىردى. سەپەر دۇمبىقى چېلىندى، بۇ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىدۇر؛ نىشان بەلگىلىنىپ يەلكەن چىقىرىلدى، بۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش سەپىرىگە ئاتلىنىشنىڭ بۇرغىسىدۇر. مەردانە ئېيتىلغان سۆزلەر، يۈكسەك ئىرادە، چەكسىز ئىپتىخارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

  كۈرەش قىلغۇچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، كۈرەش قىلغۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ، كۈرەش قىلغۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ. ‹‹گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچار، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغار›› دېگەن ئىبارىلەر رەھبىرىي كادىرلارنى راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى، ‹‹ئىرادىلىكلەر كۈرەشتە ئۆكۈنمەيدۇ›› دېگەن ئىبارىلەر ياش دوستلارنىڭ تۆھپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى، ‹‹بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ›› دېگەن ئىبارىلەر ھەر بىر جۇڭگولۇقنى ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئەمگەكچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا ئالقىش ياڭرىتىشى، قۇرغۇچىلارغا بارىكاللا ئېيتىشى بىلەن، كۈرەش قىلىش جۇڭگونىڭ ياڭراق ناخشىلار بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز تاغقا يولۇقساق يول ئېچىپ، سۇغا يولۇقساق كۆۋرۈك سېلىپ، مۇقەددەس زېمىنىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ‹‹يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش››تەك قىزغىن كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇردۇق، تارىخىي نەتىجىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ‹‹دەۋرگە يېتىشىۋېلىش››تىن ‹‹دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش››تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى دەۋر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ، يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ سەھىپىلەرنى پۈتۈشىمىزنى كۈتمەكتە. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىن قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاشتىن ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە بولغان جەرياندا، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىشىمىزغا ئەڭ كۈچلۈك تىرەك بولدى. 200 مىڭغا يېقىن ‹‹بىرىنچى شۇجى›› نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، ئوتتۇرىچە يېشى 30 نەچچە ياش كېلىدىغان ئالەم قاتنىشى كوللېكتىپىدىكىلەر بىپايان يۇلتۇز ئالىمىگە يۈرۈش قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى، تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلىرىمىز ۋە چوڭ دۆلەتكە خاس ھۈنەرۋەنلىرىمىز شەرەپ قۇچۇپ ئالتۇن مېدال ئالدى... بۇ ئۇلۇغ دەۋر ھەربىر ئادەمگە مەنسۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھەربىر ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، كۈرەش پالىقىنى چىڭ ئۇرغاندىلا، كىشىلىك ھاياتنىڭ قالتىس سەھنىلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ. دەۋر بىزگە شۇنى ئىشەندۈردىكى، ‹‹ئارزۇ، پۇرسەت، كۈرەش بولغاندىلا، بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ››.

  ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس باش تېمىسى بولىدۇ، ھەربىر ئەۋلادنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك بۇرچى بولىدۇ. بىزمۇ ئىجاد قىلىش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز. تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، بىزنى ‹‹يەر شارىدىن قوغلاپ چىقىرىش›› تەشۋىشىدىن قۇتۇلدۇرغىنى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان يۈكسەك ئىرادىسىدۇر؛ بىزنىڭ ‹‹پىداكارلىق بىلەن يول ئېچىپ›› ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم بەرگىنى مىليونلىغان خەلقنىڭ دادىل بۆسۈش، دادىل ئىشلەشتىكى غەيرىتى ۋە جاسارىتىدۇر. ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ئارقىمۇئارقا ئۇلىنىپ كەلگەن مۇھىم پەيتكە يۈزلىنىپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈرەش ئەتىگە يول ئاچىدۇ. 2020 – يىلىدىن 2035 – يىلىغىچە، يەنە 2050 – يىلىغىچە ئۇلۇغۋار نىشان بىزنى ئىلگىرىلەشكە چاقىرماقتا، ھەيۋەتلىك مۇساپە ئالدىمىزدا. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرغىنىدەك: ‹‹يول ئۇزۇن بولسىمۇ، ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ››. ئارام ئېلىۋالاي دەيدىغان ۋاقتىمىز يوق، ساقلاپ تۇرۇڭ دەيدىغان ئىمكانىيىتىمىزمۇ يوق، يەنىلا ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ماينى لىق قاچىلاپ››، رولنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، ئاخىرغىچە ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك.

   ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: كىشىلەرنىڭ تارىخنى يارىتىش پائالىيىتى خۇددى سانسىزلىغان كۈچنىڭ پاراللېل تۆت تەرەپلىك بولۇپ شەكىللەنگەن بىر خىل ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىگە ئوخشايدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندە، تاغ – دېڭىزلارنىمۇ بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ؛ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشقاندا، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۈچنى بىر يەرگە قاراتقاندىلا، سۇلاردىن دېڭىز، قۇملاردىن تاغ ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ شانلىق سەھىپىلەرنى يارىتالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى