ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ھەپتىدە ئىككى قېتىم پىيادە مېڭىپ بەرسە، يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر 50 ياشتىن يۇقىرى 89 مىڭ ئايالنى 10 يىلدىن ئارتۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پىيادە مېڭىشنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.
يۈرەك زەئىپلەشكەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە نورمال قان توشۇشى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا، بىمارنىڭ ھەتتا پەلەمپەيدىن چىقىشىمۇ، نورمال نەپەس ئېلىشىمۇ تەسلىشىدىكەن. يۈرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارنىڭ 3/1 ى بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان كىشىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، شۇڭا پىيادە مېڭىپ، يۈرەك ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
قەدىرىيە تەييارلىغان
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى