تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

مېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈم بار

   ئۆز خەۋىرىمىز: 2-ئاينىڭ باشلىرى، ساۋەن ناھىيەسى ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاچۈ يېڭى كەنت ئاھالىسى شۈ جۈن دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: دادا، بۇ پۇلغا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان نەرسىلەرنى ئېلىڭ، مەن يېنىڭىزدا يوق چاغلاردا ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ،-دېدى.

   شۈ جۈننىڭ ئاپىسى بىلەن ئايالى نەچچە يىل ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى باشقىلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، 30 مو يەر ئۇنىڭ تېرىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. شۈ جۈننىڭ سىرتقا چىقىپ سىناپ بېقىش ئازۇسى بىر يىلدىن بۇيان ئەمەلگە ئاشمىدى. ھازىر، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شۈ جۈننىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

شۈ جۈن(سولدا) ۋە دادىسى

    مېڭىش ئالدىدىكى قىيالماسلىق

   ساۋەن ناھىيە مائارىپ بۆلۈمى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما ۋىنپىڭ شۈ جۈن ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ ئايرىلىشقا قىيمىغان ھالىتىگە قاراپ: سىز 40تىن ئاشتىڭىز، دادىللىق بىلەن ئۆز ئىشىڭىزنى باشلاڭ، بۇ قېتىم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىشچى بولىسىز، بۇنىڭ بىلەن كىرىمىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيسىز، بۇ يەردە بىز بار، سىز خاتىرجەم بولۇپ يولىڭىزغا  مېڭىڭ،-دېدى.

   ما ۋىنپىڭنىڭ سۆزلىرى شۈ جۈننىڭ كۆڭلىنى خېلى خاتىرجەم قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىدىغان خىزمەت ئەترىتىنىڭ بولغانلىقىدىن شۈ جۈننىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. 2-ئاينىڭ باشلىرى، شۈ جۈن دادىسى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىكى تۇنجى قەدەمنى باستى.

 خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بولغاچقا خاتىرجەم بولدۇم

     2016-يىلى، ساۋەن ناھىيە مائارىپ بۆلۈمى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاچۈ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە «پاي چەك تۈزۈمى»ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. بۇ خىل ئەندىزە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ كىرىمى بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە ئاشتى، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

خىزمەت ئەترەت ئەزاسى ( ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە شۈ جۈن ئاتا-بالا

    شۈجۈن ئارتۇقچە غەمدىن خالاس بولىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتقا چىقىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ يېرىنىڭ ھەممىسىنى پايغا قوشىۋەتتى. بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، شۈ جۈن خېلىلا يەڭگىللەپ قالدى، لېكىن، ئۇ دادىسىنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ پەقەت خاتىرجەم بولالمىدى.

   خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇ- ئۆي ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، شۈ جۈننىڭ ئارزۇسىنى بىلىپ، ئۇنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئازۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. شۈ جۈن ھاياجانلانغان ھالدا: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىگە كۆپ رەھمەت. ھازىر خاتىرجەم ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلەيدىغان بولدۇم،-دېدى. نەچچە يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت « ئىككى كومىتېت» كەنت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەردى، «پاي چەك تۈزۈمى» ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسى دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ  تۇرمۇشىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

شۈ جۈننىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى

   ھەش-پەش دېگۈچە شۈ جۈننىڭ سىرتتا ئىشلەۋاتقىنىغىمۇ بىر ئاي بولدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ تۇنجى مائاشىنى ئېلىپ، خۇشاللىقىدا ما ۋىنپىڭغا تېلېفون بېرىپ: ما ئەترەت باشلىقى، مەن مائاش ئالدىم، تۇنجى مائاشىمدا 3000 يۈەن ئاپتىمەن. مەن بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، كارخانا ياتاق ۋە تاماقنى ئۈستىگە ئالدى، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار، دادام ماڭا سىلەرنىڭ  ئۇنى داۋاملىق يوقلاپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئېيتتى، سىلەرگە كۆپ رەھمەت،-دېدى.

   شۈ جۈننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ما ۋىنپىڭنىڭ كۆڭلى خۇش بولدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى خاتىرجەم ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، پۇل تاپتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمىمۇ ئېشىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى