يازغۇچى جاڭ ئەيلىن: ئۇ سىزنى سۆيمىسە، سىز يىغلىسىڭىزمۇ، كۈلسىڭىزمۇ، نەپەس ئالسىڭىزمۇ ھەتتا ئۆلۈپ كەتسىڭىزمۇ خاتالاشقان بولىسىز،-دېگەن.
ھەر قانداق قىزنىڭ يۈرىكىنى تىتىرەتكەن يىگىت بىلەن توي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۆيلىنىش پۈتۈنلەي مۇھەببەت دېگەنلىك ئەمەس. مۇھەببەت ئىككى ئادەمنىڭ دۇنياسى، ئەمما ئادەم تۇرمۇش قۇرغاندا بىر ياقتا چوڭلار، بىر ياقتا بالىلار بولغان چوڭ دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.
نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆيلىنىشنىڭ «7-يىلىدىكى سۈركىلىش مەزگىلى» ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولسا كېرەك. توينىڭ يەتتىنچى يىلى مۇھەببەت ياكى مۇناسىۋەتنىڭ سۇسلىشىدىغان ۋاقتى، بۇ چاغدا تۇرمۇش ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، ئاش-تاماقنىڭ غېمى بىلەن تولۇپ، ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى پەسكويغا چۈشىدۇ. مۇھەببەت ئاساسى ھەر قانچە ياخشى بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ ئاز تولا ئىختىلاپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
نۇرغۇن ئۆيلىنىش قارشى تەرەپنى سۆيمەسلىك ئەمەس ئۆيلىنىشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭقىرالماسلىقتىن مەغلۇپ بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى، باشقىلارغا يەتمەيدىغان يېرى بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللىغان ئىكەنمىز چوقۇم ئۆزئارا ماسلىشىشىمىز كېرەك.
ئۆيلىنىشتە ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولغاندىلا ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملىشالايدۇ، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن يولسىزلىق قىلساق ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ. ھە دېسىلا قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى «مىكروسكوپ» قا سالغىلى تۇرساق، بۇ تۇرمۇش قانداقمۇ ئىناق داۋاملاشسۇن؟
ئىككىيلەن بىر-بىرىنى چۈشەنمىسە زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كېتىدۇ، ھېسسىيات ئاجىزلاپ تەلتۆكۈس تۈگىگەندە قارشى تەرەپنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ كەمچىلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ-دە، مۇناسىۋەت ئاخىرلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ قايسى باسقۇچقا كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جورىڭىزغا ماسلىشىڭ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلگەندە تىللاش، ۋارقىراش ئارقىلىق ھەل قىلسا ئەر-خوتۇن بىر-بىرىدىن بىزار بولىدۇ. ھايات يەنە داۋاملىشىدۇ، يېنىڭىزدىكى جۈپتىڭىزنى قەدىرلەڭ، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمدىن ئايرىلىپ قالماڭ.