تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش ۋە بۇ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش ۋە بۇ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خېيىم – خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ ۋە بۇ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

   چېن چۈەنگو ئالدى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، توغرا نەتىجە قارىشى تىكلەش كېرەك. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئارقىلىق نەتىجىنى باھالىماي، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشكە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى، كېيىنكىلەرگە ئاساس سالىدىغان، يىراقنى كۆزلەيدىغان ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ – خەتەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش؛ ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ ھۆكۈمەت قەرز مەسئۇلىيىتىدە باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ قەرز ئېلىش قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. نامرات ئاھالىنى ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىگە يېقىنلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، ئۆلچەمنى ئاشۇرماي، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، 2020 – يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك كوللېكتىپ نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئاق قار، كۆك مۇزمۇ بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى(بىر قوللۇق) تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشنى ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئالتىنچى، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلمىي باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، GDPغا ئېسىلىۋېلىش تەلىماتىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، قەتئىي ھالدا GDP ئارقىلىق نەتىجە باھالىماي، تەكشۈرۈش – باھالاش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئوبيېكتىپ، ئادىل، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش – باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىش؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەلىپىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان، ئىستىلدا ئەستايىدىل بولمايدىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  يەتتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى مۇھىم كېڭىشىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئاساسلىق رەھبەر ئۆزى بىر قوللۇق چىڭ تۇتۇپ، باش مەسئۇل بولۇپ، كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشى؛ مەسئۇل يولداشلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ جايلار، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پەرماننىڭ توسالغۇسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  سەككىزىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ‹‹ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىللىقى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەر قايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى