تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولايلى

  ـــ شى جىنپىڭنىڭ 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(5)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا %30تىن ئارتۇق تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بىلەن دۇنيانىڭ موتورىغا ئايلاندى؛ جۇڭگو ئاپتوموبىلى، جۇڭگو كۆۋرۈكى، جۇڭگو يولى، جۇڭگو تورى دۇنيانىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى؛ جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ھەرىكىتى دۇنيادا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى... ھادىسە ئارقىلىق مەنبەنى ئىزدەش جەريانىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بۇ مۆجىزىلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

  ‹‹ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەلىك خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولىمىز!›› 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئۈچ ‹‹مەڭگۈ›› ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلىدى. جاراڭلىق گەپلەر، سەمىمىي سۆزلەر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سەمىمىي ئەسلىي مەقسىتىنى يورۇتۇپ بەردى.

  جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتكۈل جۇڭخۇا زېمىنى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان كىرىزىس ئىچىدە بارلىققا كېلىپ، ئىس – تۈتەك قاپلىغان ئۇرۇشلاردا تاۋلىنىپ، قايناق ھېسسىيات يالقۇنجاۋاتقان قۇرۇلۇشلاردا قەددىنى رۇسلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىدا زورايدى، قاينام – تاشقىنلىق تارىخىي مۇساپىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ‹‹جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش››تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن – ئاخىر داۋاملاشتۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رولنى تۇتۇپ يول باشلاپ، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق بۇ غايەت زور پاراخوتنى يېپيېڭى مەنزىلگە باشلاپ كىردى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.

  جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولۇشتا ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، زىيالىيلار ئارىسىدا پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ›› دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا گۈزەل كەلگۈسىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپەر ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ‹‹لۇشەن تېغى ئۆتكىلى›› ۋە ‹‹لازىكۇ قاپتىلى››دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشتە، مەملىكىتىمىزدىكى پارتىيە – گۇرۇھ، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەرقاتلام، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، يىمىرىلمەس ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەممە بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

  جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولۇشتا باشتىن – ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارغان بولسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىمۇ شۇ باسقۇچقا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئۆتكەن بەش يىلدا، قاتتىق مۇشت ئېتىپ، چىرىكلىككە قاتتىق قوللۇق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتلارنى توسۇشتىن ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىشقىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى چىڭىتتۇق، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى روشەن كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

   ئۇلۇغۋار ئىش ئۇلۇغ پارتىيەگە موھتاج، ئۇلۇغ پارتىيە ئۇلۇغۋار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرساق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرسەكلا، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقساقلا، مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى قاچىلانغان پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك يەتكۈزەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى