تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

قانداق ئاياللار ئاسان ھامىلىدار بولالايدۇ؟

    نۇرغۇن كىشىلەر ئاياللار تۇغۇلۇشىدىنلا بالا تۇغالايدۇ، ئايال كىشىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل كۆز قاراش خاتا. ئەگەر ئاياللار ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرمىسە ۋە تېنى ساغلام بولمىسا تۇغماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزى ئاياللار ئاسان ھامىلىدار بولىدۇ، بۇ تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بەش ئادەتنى يېتىلدۈرگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن.

    بەدىنىنى ئىسسىق ساقلايدىغان ئاياللار. بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتسە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتسە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بەدىنىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. گەرچە ھازىر ھاۋا كۈندىن-كۈنگە ئىللىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سەھەر، چۈش ۋە كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى يەنىلا چوڭ، يەنە كېلىپ دېگەندەك ئىسسىق ئەمەس، شۇڭا ئاياللار بەك نېپىز كىيىنىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەتتە بەدىنىنى ئىسسىق ساقلايدىغان، ئادىتى رېتىملىق كېلىدىغان ئاياللار ئاسان ھامىلىدار بولالايدۇ.

    قارىغۇلارچە ئورۇقلىمايدىغان ئاياللار. ھازىر زىلۋا بەدەنلىك بولۇش گۈزەللىكنىڭ ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار تاماق يېمەستىن قارىغۇلارچە ئورۇقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بەك سېمىز ياكى ئورۇق كىشىلەر ئاسان ھامىلىدار بولالمايدىكەن. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشىمۇ، مېڭە ئاستى بېزى (گىپوفىز) نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى، تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىستىمولىن بىلەن سېرىق تەنچىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇغماس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتسە، ئانىلىق ھورمونى ئېشىپ كېتىدۇ، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ياكى تۈكلۈكلۈك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئادەم بەدىنىنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرالماسلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    سوغۇق يېمەكلىكنى ئاز يەيدىغان ئاياللار. كۆپىنچە ئاياللار تەبىئىتى سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا قىشتىمۇ چوكا مۇز، مۇز قايماقلارنى يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاسانلا بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كېتىدۇ. ئاياللار زۇكامداپ قالسىلا، ھامىلىدار بولۇشى تەس بولىدۇ. چۈنكى ئاياللار زۇكامداپ قالسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم قەۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاياللار، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى بىر ئىللىق «كارىۋات» بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئامالنىڭ بېرىچە ئاز يېيىشى كېرەك.

    ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان ئاياللار. ھازىرقى ياشلارنىڭ ھەممىسى كەچ ئۇخلايدۇ. دائىم كەچ ئۇخلىغاندا، ساغلاملىق ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى بارلىق ئەزالار ئارام ئېلىشقا موھتاج، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل كەچ ئۇخلىغاندا، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش تۇخۇمداننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۇخۇمدان تۇخۇم ئىشلەپچىقارمىغان ھامان ياكى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى تۆۋەنلىگەن ھامان، ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر يېتىدۇ.

    روھىي ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ ئاياللار. نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار كۈندە ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىپ، بالدۇرراق بالىلىق بولۇشنى ئويلىغاندا ھامىلىدار بولالماي، ئەكسىچە ۋاز كېچەي دېگەندە، تاساددىپىي بالىلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ بىزنىڭ روھىي كەيپىياتىمىز بىلەنمۇ باغلىنىشلىق. ئەگەر ھامىلىدار بولۇشقا زىيادە كىرىشىپ قالسا، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك دەۋرى ۋە ئىچكى ئاجراتمىلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئىزچىل كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلاش، ھامىلىدار بولۇشتا ئىنتايىن پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى